خىتاي دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ 'دىئابىت بىمارلىرى' دۆلىتىگە ئايلىنىپ قالغان

تىببئىي تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە خىتايدا دىئابىت كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلارنىڭ سانى 92 مىليونغا يېتىپ، خىتاي دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ "دىئابىت بىمارلىرى" دۆلىتىگە ئايلىنىپ قالغان.

ئامېرىكا " يېڭى ئىنگلاند تىببئىي ژۇرنىلى"دا پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان بىر تەتقىقات دوكلاتىدا ئەسكەرتىشىچە، دىئابىت كېسىلى خىتايدا ئاممىۋى سالامەتلىككە دائىر يېڭى مەسىلە بولۇپ قالغان.

تىببئىي ساھەدىكى مۇتەخەسسىسلەر مەزكۇر تەتقىقات نەتىجىسى دىئابىت كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلارنىڭ خىتايدا ياۋروپا ۋە ئامېرىكىدىن تېز كۆپىيىۋاتقانلىقىدىن دىرەك بېرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. مەزكۇر تەتقىقات تۈرىگە يىتەكچىلىك قىلغان بېيجىڭدىكى جۇڭگو - ياپونىيە دوستلۇق دوختۇرخانىسىنىڭ پروفېسسورى ياڭ ۋېنيىڭ،تەتقىقات نەتىجىسى خىتايدا دىئابىتنىڭ كىشىنى چۆچىتەرلىك دەرىجىدە ئېغىرلىقىنى، خىتايدا بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دائىر بىر پىلان تۈزۈلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ياڭ ۋېنيىڭنىڭ يىتەكچىلىكىدىكى تەتقىقات گۇرۇپپىسى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ دىئابىت كېسەللىرىنى ئۆلچەش ئۆلچىمىگە ئاساسەن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان بولۇپ، ئىككى يىل خىتاينىڭ 14 ئۆلكە ۋە ئالاھىدە شەھىرىدە 46 مىڭ كىشىنى تەكشۈرگەن. تەتقىقات دوكلاتىدا خىتايدا دىئابىت كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغۇچى ئەر ۋە ئاياللارنىڭ نىسبىتى 1 گە قارشى 84.0 ئىكەنلىكىنى، شەھەر ئاھالىسىنىڭ دىئابىت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى يېزا ئاھالىسىگە قارىغاندا يۇقىرىلىقىنى، شەھەر ئاھالىسىنىڭ دىئابىت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى 4.11 پىرسەنت، يېزا ئاھالىسىنىڭ بولسا 2.8 پىرسەنت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

دوكلاتتا، خىتايدىكى دىئابىتلارنىڭ يېرىمىدىن كۆپىرەكى ئۆزىنىڭ مەزكۇر كېسەلگە گىرىپتار بولغانلىقىدىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى بىر خەۋىرىدە، مۇتەخەسسىسلەر خىتايدا يۇقىرى كالورىيىلىك يىمەكلىكلەرنى يىيىشنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقىنى، لېكىن كىشىلەردە ھەرىكەت ئازىيىپ، دىئابىت بىمارلىرىنىڭ كۆپىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.