خىتاي : دېھقانلارنىڭ كىشى بېشىغا كېلىدىغان كىرىمىنىڭ ئۆسۈشى مەملىكەت بويىچە يۇقىرى

خىتاي دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ شىنجاڭ ستاتىستىكا تەكشۈرۈش ئەترىتى بايان ئېلان قىلىپ، بۇ يىلنىڭ بىرىنچى پەسلىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى دېھقانلارنىڭ يىللىق كىشى بېشىغا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئۆسۈپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئۆسۈش سۈرئىتىنىڭ رەت تەرتىپىدە ئۈچىنچى ئورۇننى ئىگىلىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

خەۋەردە دېھقانلارنىڭ نەق پۇل كىرىمىنىڭ 1573 يۈەنگە يېتىپ، 19.9 پرسەنت ئېشىپ، مەملىكەتنىڭ ئۆسۈش نىسبىتىدىن 2،9 % يۇقىرى بولغانلىقى بايان قىلىنغان.

شىنخۇاىڭ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىدا ئېيتىلىشىچە، خىتاي دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى بۇنىڭ سەۋەبىنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى تېخىمۇ كۈچەيتكەنلىكى، خەلقنى خاتىرجەم ۋە باي قىلىش ئۈچۈن تىرىشقانلىقى شۇنىڭدەك بۇنىڭ ئۈچۈن 25 تۈر بويىچە 90 خىل خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش قۇرۇلۇشىنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

لېكىن، خىتاي دۆلەتلىك ستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ مەلۇماتىدا جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدىكى دېھقانلارنىڭ كىرىم ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىگەن. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىدىكى بەزى ئەربابلارنىڭ تەنقىد قىلىشىچە، دائىرىلەر ئەزەلدىنلا دېھقانلارنىڭ كىرىمىنىڭ ئاشقانلىقىنى تەشۋىق قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن بولۇپ، بېرىلگەن سانلىق مەلۇماتلىرى دائىم ھەر خىل ۋە بىر - بىرىگە زىت بولغان. شۇ سەۋەبتىن كۆپلىگەن سانلىق مەلۇماتلار كۆپتۈرىۋېتىلگەن بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدىن سىرتقا چىقىپ ئىشلەۋاتقان دېھقان ئىشچىلارنىڭ سانى 220 مىڭدىن ئارتۇق بولۇپ، ئۇلارنىڭ سانى 22 % كۆپەيگەن ئىكەن.