خىتاي ھۆكۈمىتى ھەجدىن قايتقانلارنى تەكشۈرۈشكە كىرىشتى

خىتاينىڭ ئامانلىق تور بېتى' دە ئاشكارىلىنىشىچە، باي ناھىيىسىدە، خىتاينىڭ دىنى - مىللىي ئىشلار ئىدارىسى ھازىر ھەجدىن قايتقان 17 كىشىدىن ھال سوراش دېگەن نام بىلەن، ئۇلارنىڭ ئىدىيىسى، روھى ھالىتى، سۆز - ھەرىكىتى ۋە كىيىنىشىدە، غەيرى ئۆزگىرىش بولغان - بولمىغانلىقى، بولۇپمۇ بېشىغا ياغلىق ئارتىدىغان بولغان ياكى بولمىغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرى بىلەن يېڭى باردى - كەلدىسى قاتارلىق ئىپادىلىرىنى تەكشۈرۈشكە باشلىغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنداق ئۇسۇل ئارقىلىق ھاجىلار چەتئەللىكلەر ياكى غەيرى كىشىلەر بىلەن ئۇچرىشىپ ئالاقە باغلىغان ياكى باغلىمىغانلىقى، ھەجدىن كېيىن ئائىلە ئىقتىسادىدا ئۆزگىرىش بولغان ياكى بولمىغانلىقى، گەپ - سۆزلىرىدە 'مىللىي بۆلگۈنچىلىك ھېسسىياتى' پەيدا بولغان ياكى بولمىغانلىقى قاتارلىق جەھەتلەردە تەپسىلى ئۇچۇر توپلاپ، ئۇلارنى تەكشۈرۈشكە كىرىشكەن.

ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، ئۇيغۇرلار يېقىندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۈچ خىل كۈچلەرگە زەربە بېرىش' دېگەن نام بىلەن ئۇيغۇر يۇرتلىرىدا يەنە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنى تەنقىدلەش ھەققىدە تەشۋىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىي ھەرىكەتلىرىدىن بىزار بولماقتا.