ئىسلام دىنىي ئىنستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى: 'مەن قىزىل بايراق ئاستىدا تۇغۇلغان'

ئۇيغۇر ئېلىدىكى شىنجاڭ ئىسلام دىنىي ئىنستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇرەقىپ داموللا ھاجى "تەڭرىتاغ تورى" نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، "5 - ئىيۇل ۋەقەسى" دىن كېيىن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ كۈنسايىن ياخشىلىنىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتكەن.

ئابدۇرەقىپ داموللا ھاجىمنىڭ ئېيتقانلىرى، يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىدىن رادىئومىزغا كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي رېئاللىقى ھەققىدىكى ماتېرىيالىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەپسىلاتلاردىن تولىمۇ يىراق ئىدى.

خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، بۇ يىل 48 ياشلىق ئابدۇرەقىپ داموللا ھاجىم ئۆزى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن: "مەن قىزىل بايراق ئاستىدا تۇغۇلۇپ، قىزىل بايراق ئاستىدا چوڭ بولغان بىر ئۇيغۇر. بىز مېھماندوست، ئاق كۆڭۈل مىللەت. ئىسلام دىنىي بولسا تىنچلىقپەرۋەر دىن، قۇرئان بىزنىڭ تىنچلىق، ئىتتىپاقلىق ۋە ئەمىنلىكنى ئىزدىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ."

ئابدۇرەقىپ داموللا ھاجىم يەنە "5 - ئىيۇل ۋەقەسى" ھەققىدە توختىلىپ، ۋەقەنى "بىر قىسىم جەمئىيەت داشقاللىرى" كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى، ئۇنى دىنىي ۋە مىللىي مەسىلە دەپ قارىۋېلىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ھالبۇكى، ئۇيغۇرلار يېزىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە يوللىغان ۋە يېقىندا رادىئومىزدا ئېلان قىلىنغان بىر ماتېرىيالدا كۆرسىتىشىچە، ئۇيغۇرلار يەنىلا دىنىي، سىياسىي ۋە ۋە ئىقتىسادىي باستۇرۇشلارغا ئۇچرىماقتا ئىكەن.

ماتېرىيالدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر ساھەدە چەتكە قېقىلىۋاتقانلىقى "5 - ئىيۇل ۋەقەسى"دە قارا - قويۇق مىڭلىغان ئۇيغۇرنىڭ تۇتۇپ كېتىلگەنلىكى، ھەتتا گۇناھ ئارتىلماي قۇيۇپ بېرىلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ خىزمەتلىرىدىن ئايرىلغانلىقى كۆرسىتىلگەن ئىدى.