ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي دىنىي ئەركىنلىك خاتىرىسىنى تەنقىد قىلدى

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى جۈمە كۈنى 2008 - يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ۋە خىتايدىكى ھەر قايسى دىنىي جامائەتلەرنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە سېستىمىلىق ۋە ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2009.05.01

دوكلاتتا خىتاينىڭ "دىنىي پائالىيەتلەرنى قاتتىق تەقىپ قىلغانلىقىنى، بەزى دىندارلارنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى، تۈرمىگە تاشلانغانلىقىنى،بەزىلىرىگە جەرىمانە قويۇلغانلىقىنى، بەزىلىرىنىڭ جىسمانى قىيىن - قىستاق ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىقى،" نى تەكىتلىگەن.

دوكلاتتا يەنە، خىتاينىڭ ئولىمپىك يىغىنى مەزگىلىدە تىنچ دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قارىتا قاتتىق چەكلىمە قويغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە تىزىمغا ئالدۇرمىغان پروتېستانت، كاتولىك، تىبەت بۇددسىتلىرى ۋە فالۇنگوڭ مۇرىتلىرىدىن تۇتقۇن قىلىنغان ھەم قولغا ئېلىنغانلارنىڭ كۆپەيگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

دوكلاتتا ئۇيغۇر دىنىي زاتلىرىدىن ئابدۇقادىر مەخسۇمنىڭ بۇ يىل 2 ‏ - ئايدا 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى، قاراقاشلىق مۇتەللىپ ھاجىمنىڭ 2008 ‏- يىلى 3 - ئايدا تۈرمىدە تاياق زەر بىسىدىن ئۆلگەنلىكى، 2008 - يىلى 8 - ئايدا ئىمام ئادىل قارىمنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى قاتارلىق ۋەقەلەرنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ، " شىنجياڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى تەنقىد قىلىشقا ئۇرۇنغان دىنىي زاتلار ۋە دىنىي پائالىيەتلەر 'بۆلگۈنچىلىك'، 'جەمئىيەت تەرتىپىگە تەھدىت سېلىش'، 'ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇشقا ئىغۋاگەرچىلىك' قىلمىشلىرى بىلەن ئەيىبلىنىپ ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا مەھكۇم قىلىنماقتا،" دەيدۇ.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.