خىتاي ياپونىيىدىن يېنىپ چىققان خىتاي دىپلوماتىغا قارىتىلغان ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلدى

خىتاي دائىرىلىرى يېقىندا ياپونىيىدىن قېچىپ كەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن خىتاي دىپلوماتىغا قارىتىلغان ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلدى.

ياپونىيە ئاخباراتلىرى ياپونىيىگە تەيىنلەنگەن خىتاي دىپلوماتى لى چۈنگۇاڭنىڭ جاسۇسلۇق گۇمانى بىلەن سوراققا تارتىلىش ئالدىدا ياپونىيىدىن قېچىپ كەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.

خىتاي تاشىقى ئىشلار بايانچىسى ليۇ ۋېيمىن چارشەنبە كۈنى لى چۈنگۇاڭنىڭ ياپونىيىگە تەيىنلىنىشتىن ئىلگىرى خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىدە ئىشلىگەن مۇتەخەسسىس ئىكەنلىكى، ئۇنى «جاسۇس» دەپ ئەيىبلەشنىڭ ئاساسسىز ئىكەنلىكنى بىلدۈردى.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، لى ياپونىيىدە ساختا بانكا ھېساباتى ئېچىپ، قانۇنسىز تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغان ۋە بۇيرۇق بويىچە ياپونىيىلىك سىياسىيون ۋە سودىگەرلەر ئۈستىدىن ئۇچۇر توپلىغان.

ياپونىيە ساقچى دائىرىلىرى لىنىڭ قىلمىشلىرىدىن گۇمان قىلغاندىن كېيىن، ئۇنى ساقچىغا كېلىپ ئۆزىنى مەلۇم قىلىشقا بۇيرۇغان. ھالبۇكى لى ساقچىغا بېرىشنىڭ ئورنىغا سەيشەنبە كۈنى ياپونىيىدىن خۇپىيانە ھالدا قېچىپ چىقىپ، خىتايغا كېلىۋالغان ئىكەن.