خىتاي دېھقانلىرى ئەرزان باھادا تارتىۋېلىنغان يەرلىرى ئۈچۈن نامايىش قىلىشقا تەييارلانماقتا

خىتاينىڭ جىلىن ئۆلكىسىگە قاراشلىق يۇڭجې ناھىيىسىنىڭ دېھقانلىرى، سەيشەنبە كۈنى چاڭچۈن شەھىرىدىكى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ئىدارىسى ئالدىغا يىغىلىپ، يول ياساش سەۋەبىدىن تارتىۋېلىنغان يەرلىرى ئۈچۈن ھۆكۈمەتنىڭ تېگىشلىك تۆلەم تۆلىشىنى تەلەپ قىلغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ
2010-03-30
Share

رادىئومىز خىتاي بۆلۈمى سەيشەنبە كۈنى، يېرى تارتىۋېلىنغان دېھقانلارغا تېلېفۇن ئۇرۇپ، دائىرىلەرنىڭ يىغىلغان دېھقانلارنى تارقىتىۋېتىشكە ئۇرۇنغانلىقىنى، نۆۋەتتە دېھقانلارنىڭ سانىنىڭ 100 دىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى ھەمدە چارشەنبە كۈنى نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىق كۆرۈۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تاپقان.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 10 يېرىم مىليارتتىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىنىدىغان مەزكۇر تاش يول قۇرۇلۇشى ئۈچۈن، يۇڭجې ناھىيىسىدىكى دېھقانلارنىڭ يەرلىرى ئەرزان باھادا سېتىۋېلىنغان ھەمدە دېھقانلار بىلەن بىر مەيداندا تۇرغان يېزا ۋە كەنت باشلىقلىرى تۇتۇپ كېتىلگەن. يۇڭجې ناھىيىسىنىڭ دېھقانلىرى رادىئومىز مۇخبىرىغا ئۆز تەلەپلىرى ئورۇندالمىغىچە، ئەرز قىلىشتىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.