رادىئومىز خىتاي بۆلۈمى سەيشەنبە كۈنى، يېرى تارتىۋېلىنغان دېھقانلارغا تېلېفۇن ئۇرۇپ، دائىرىلەرنىڭ يىغىلغان دېھقانلارنى تارقىتىۋېتىشكە ئۇرۇنغانلىقىنى، نۆۋەتتە دېھقانلارنىڭ سانىنىڭ 100 دىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى ھەمدە چارشەنبە كۈنى نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىق كۆرۈۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تاپقان.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 10 يېرىم مىليارتتىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىنىدىغان مەزكۇر تاش يول قۇرۇلۇشى ئۈچۈن، يۇڭجې ناھىيىسىدىكى دېھقانلارنىڭ يەرلىرى ئەرزان باھادا سېتىۋېلىنغان ھەمدە دېھقانلار بىلەن بىر مەيداندا تۇرغان يېزا ۋە كەنت باشلىقلىرى تۇتۇپ كېتىلگەن. يۇڭجې ناھىيىسىنىڭ دېھقانلىرى رادىئومىز مۇخبىرىغا ئۆز تەلەپلىرى ئورۇندالمىغىچە، ئەرز قىلىشتىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
