لۇخەي ئورمانچىلىق شىركىتى، جياڭشى ئۆلكىسى توڭگۇ ناھىيىسى دادۇەن يېزىسىدىكى بىر قىسىم دېھقانلارنىڭ يەرلىرىنى ئۆز شىركىتىنىڭ ياغاچ ماتېرىيال سودىسى ئۈچۈن ئىجارىگە ئالغان بولۇپ، مەلۇم بولۇشىچە، ئىجارە سوممىسىدىكى كېلىشەلمەسلىك سەۋەبىدىن دېھقانلار بىلەن شىركەت ئارىسىدا توقۇنۇش كېلىپ چىققان.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ كۆرسىتىشىچە، خوڭكوڭغا جايلاشقان كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە ئۇچۇر مەركىزى توقۇنۇشتا ئىككى دېھقاننىڭ ئۆلگەنلىكىنى، يۈزلىگەن ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ساقچى دائىرىلىرى توقۇنۇشتا ئادەم ئۆلگەنلىكىنى رەت قىلغان.
ئۇچۇر مەركىزىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، توپىلاڭ لۇخەي ئورمانچىلىق شىركىتىنىڭ قوغدىغۇچىلىرى تۇڭگو ناھىيىسى دادۇەن يېزىسىدىكى ئىككى دېھقاننى ئۆز شىركىتىنىڭ ياغاچلىرىدىن قالايمىقان پايدىلاندى دېگەن گۇمان بىلەن ئۆلتۈرۈۋەتكەندىن كېيىن كېلىپ چىققان.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ شىنخۇا ئاخباراتىدىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، توقۇنۇش جەريانىدا دۈمبىسىگە ئۈچ يېرىدىن پىچاق يېگەن 57 ياشلىق دېھقان چېن شىلىن، شىركەت قوغدىغۇچىلىرىنىڭ ئىنتايىن ۋەھشىي ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، نۆۋەتتە خىتاي ساقچىلىرى دېھقانلارنى ئەمەس ، بەلكى بۇ ئىشقا ئالاقىدار شىركەت قوغدىغۇچىلىرىنىڭ دېرىكىنى ئېلىشقا باشلىغان.