خىتاي دۆلەت بايرىمى جەريانىدا ئۇيغۇر ئېلىغا تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچى ئېلىپ كېلىشكە تەييارلىق قىلماقتا

ھەر يىلى بىرىنچى ئۆكتەبىر خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمى، شۇنىڭدەك يەنە بۇ ۋاقىتتا خىتاي مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى تاۋۇز چاغىنى بايرىمىمۇ يېتىپ كېلىدۇ.

شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 17 - سېنتەبىر كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ساياھەت مەزگىلىدىكى بىخەتەرلىكنى كۈچەيتىش مەسىلىسى بويىچە تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى ئېچىپ، ساياھەت ھەپتىسى مەزگىلىدە ئىچكىرى خىتايدىن تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا كېلىشى ۋە ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ھەم كاپالەتكە ئىگە قىلىش بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بارغان.

ئاپتونوم رايونىنىڭ خىتاي مىللىتىدىن بولغان مۇئاۋىن رەئىسى خۇ ۋەي بۇ ئىشقا مەسئۇل بولغان بولۇپ، ئۇ دۆلەت بايرىمى ۋە تاۋۇز چاغىنى مەزگىلىدىكى بىخەتەرلىك مەسىلىنى تەكىتلەپ، چوڭ ھادىسىلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىنى قەتئىي كونترول قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

مەلۇمكى، 16 - سېنتەبىر كۈنى ئالتاي تەۋەسىدە بىر ساياھەتچىلەر ئاپتوبۇسى قازاغا ئۇچراپ، 11 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلىش ۋەقەسى كېلىپ چىققان ئىدى.

ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە ساياھەت ئىشلىرىغا مەسئۇل تارماقلار تۆت گۇرۇپپا ئۇيۇشتۇرۇپ، جەنۇبى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ساياھەت ئەسلىھەلىرى ۋە بىخەتەرلىك ئىشلىرىنى تەكشۈرۈشكە ئەۋەتكەن. مەزكۇر تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ھەر قايسى جايلاردا 24 سائەتلىك نۆۋەتچىلىك ئورنى قۇرغان.

لېكىن، ئۇيغۇر ۋەزىيىتى كۆزەتكۈچىلىرى، بۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە پەقەت ساياھەتچىلىك ئىشلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشنىلا مەقسەت قىلماستىن، بەلكى بۇ مەزگىلدە ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ يۈز بېرىپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى، شۇ سەۋەبتىن پۈتۈن كۈچ بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىمۇ مەقسەت قىلىۋاتقانلىقىنى تەھلىل قىلماقتا.