'كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىۋاتقان دۆلەتنىڭ شەرمەندە تارىخىنى تەبرىكلەشكە نيۇيورك چىراق يېقىپ بەرمەسلىكى كېرەك'

خىتاي بېيجىڭدا ئۆزىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن ئۆتكۈزىدىغان چوڭ ھەربىي پاراتنىڭ چىرىغىنى يېقىشقا باشلىغان بۈگۈنكى كۈندە، تىبەت ھەرىكىتىنى قوللىغۇچىلار نيۇيورك شەھىرىدىكى 'ئىمپېراتور سارىيى' دەپ ئاتىلىدىغان مەشھۇر بىنا ئالدىدا نامايىش قىلىپ، كوممۇنىست خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمىغا، بۇ بىنادىن ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان قىزىل ۋە سېرىق نۇر ياغدۇرۇش پىلانلانغانلىقىغا قارشى تۇردى.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ نيوركتىن سايلانغان ئەزاسى دېموكرات ئانتونى ۋېئىنېر نامايىشچىلارنى قوللاپ سۆز قىلىپ 'كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىۋاتقان دۆلەتنىڭ شەرمەندە تارىخىنى تەبرىكلەشكە، نيۇيورك شىتاتىنىڭ سىموۋولى بولغان بۇ بىنادىن چىراق يېقىپ بەرمەسلىكى كېرەك' دەپ جاكارلىدى.

بۇ بىنانىڭ باياناتچىسى مارىسا پىكېر بۇ ھەقتە تېخى ئىنكاس قايتۇرمىدى.