دالاي لاما خىتاينىڭ دېموكراتىيىگە ئۆتۈش مۇددىتىنى 15 يىل دەپ تەخمىن قىلدى

خىتاي كومپارتىيىسى رەھبەرلىرى خىتاينىڭ دېموكراتىيىلىشىشىگە يەنە ئاز دېگەندە 50 يىل بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلمەكتە ئىدى.

تىبەت روھانىي داھىيسى دالاي لاما بۈگۈن ئەرەب دۆلەتلىرىدىكى دېموكراتىك ھەرىكەتلەر ئۈستىدە توختىلىپ، بۇ ھەرىكەتلەر، دېموكراتىيىنىڭ دۇنيانىڭ ھەممە يېرىگە يېيىلىدىغانلىقىدىن بىر بېشارەت، خىتاينىڭ دېموكراتىيىگە ئۆتۈشىمۇ بىر ۋاقىت مەسىلىسى دېگەن. ئۇ يەنە خىتاينىڭ دېموكراتىيىگە ئۆتۈشى ئۈچۈن يەنە 15 يىل ۋاقىت كېتىش ئېھتىماللىقىنى بايان قىلغان.

ئۇ بۇ تەخمىنىنى فىنلاندىيىدە داۋام قىلىۋاتقان 3 كۈنلۈك زىيارىتى داۋامىدا، فىنلاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋە بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشكەندە ئوتتۇرىغا قويغان.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئەسكەرتىلىشىچە، دالاي لاما، خىتاي دېموكراتىيىگە ئۆتسە، تىبەت مۇستەقىللىقىنىڭ بالداقمۇ-بالداق ئەمەلىيلىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.

كۆپ ساندىكى سىياسىي كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي كومپارتىيە رەھبەرلىرىنىڭ ئۆز ھاكىمىيىتىنى ئۇزۇن مەزگىل سۈردۈرەلمەيدىغانلىقىنى ئاللىقاچان ھېس قىلىپ بولغانلىقىنى، نۆۋەتتە پەقەت، ھاكىمىيەت بېشىدىكى ۋاقتىنى ئۇزارتىش ئۈچۈنلا تىرىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.