خىتاي ئەمەلدارلىرى خىتاي ئېكولوگىيىسىنىڭ «ئېغىر» مەسىلىلەرگە دۇچ كەلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى

جۈمە كۈنى خىتايدا ئېلان قىلىنغان 2010-يىللىق مۇھىت دوكلاتى مۇناسىۋىتى بىلەن چاقىرىلغان يىغىندا خىتاي ئېكولوگىيىسىنىڭ «ئېغىر» مەسىلىلەرگە دۇچ كەلگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

دوكلاتىنى خىتاي ئېكولوگىيىلىك مۇھىتىنى قوغداش مىنىستىرلىقى تەييارلىغان.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى خىتاي ئېكولوگىيىسى ھەققىدە قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە خىتايدىكى سۇ ۋە ھاۋا سۈپىتىدە ياخشىلىنىش كۆرۈنگەن بولسىمۇ، يەنە نۇرغۇن تەرەپلەردىكى باشقۇرۇشنىڭ ئىنتايىن ئاجىز ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

بۇ ھەقتە توختالغان خىتاي مۇئاۋىن مۇھىت مىنىستىرى لى گەنجى: ئومۇمىي ئېكولوگىيىلىك مۇھىت ئەھۋالى يەنىلا بەك ئېغىر، قىيىنچىلىق ۋە رىقابەتلەرمۇ كۆپ، دېدى.

ئۇ يەنە، خىتايدا ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنىڭ خوراۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى ۋە: خىتايدىكى مەينەت سانائەت بازىلىرىنىڭ شەھەرلەردىن يېزىلارغا يۆتكىلىشى بىلەن يېزىلارمۇ بۇلغىنىشقا باشلىدى، دېدى.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدىكى مۇھىت مەسىلىسى مۇقىمسىزلىق ئامىللىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

ئۆتكەن ھەپتە ئىچكى موڭغۇلدا ئېلىپ بېرىلغان نارازىلىق نامايىشىنىڭ ئاساسلىق مەنبەسى يەنىلا يايلاقلارنىڭ بۇزۇلۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى.