خىتايدا ئۆتكەن 12 يىلدا چەتئەلگە قېچىشقا ئۇرۇنغان 18 مىڭ خىيانەتچى ئەمەلدار قولغا ئېلىنغان

«خىتاي ئىقتىساد ھەپتىلىك ژۇرنىلى» دىن ئاشكارىلىشىچە، خىتايدا ئۆتكەن 12 يىلدا چەتئەلگە قېچىشقا ئۇرۇنغان خىيانەتچى ئەمەلدارلاردىن جەمئىي 18487 نەپىرى تۇتقۇن قىلىنغان.

ژۇرنال بۇ خەۋەرنى خىتاي خەلق ئالىي تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ يېقىنقى بىر دوكلاتىغا ئاساسەن تەييارلىغان. بۇ ژۇرنالنىڭ مەزكۇر دوكلاتتىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە، خىتايدا ئۆتكەن بەش يىلدا خىيانەتچىلىك دېلولىرىدىن يىغىۋېلىنغان ھارام مالنىڭ مىقدارى 54 مىليارد 190 مىليون يۈەنگە يەتكەن.

ب ب س نىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئانالىزچىلارنىڭ پەرەزلىرىگە ئاساسەن ئوتتۇرىغا قويۇشىچە، تۇتۇلماي چەتئەلگە قېچىپ چىقالىغان خىتاي ئەمەلدارلارنىڭ سانى 10مىڭ بىلەن 20مىڭ ئارىسىدا بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئېلىپ قاچقان مال دۇنياسىنىڭ قىممىتى بىر مىليارد يۈەندىن تۆۋەن ئەمەس.

خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى مەزگىلىدە غەرب ئەللىرىنى دۈشمەن كۈچلەر دەپ ئەيىبلىشى، ئەمما پەرزەنتلىرىنى غەرب ئەللىرىدە ئوقۇتۇشى ۋە بېشىغا كۈن چۈشكەندە غەرب ئەللىرىگە قېچىشى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خەلقئارا جامائەت پىكرىنىڭ دىققەت نۇقتىلىرىدىن بىرىگە ئايلانغان.