2011-يىلى خىتاي ئەمەلدار، بايلىرى ۋە زىيالىيلىرىدىن 150 مىڭ كىشى چەتئەللەرگە كۆچمەن بولۇپ ئولتۇراقلاشقان

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا تۇنجى قېتىملىق «ئىختىساس ئىگىلىرى ئاق تاشلىق كىتابى»نى تارقاتقان. كىتابتا، 2011-يىلى بىر يىل ئىچىدە خىتاي بايلىرى ۋە زىيالىيلىرىنى ئاساس قىلغان 150 مىڭ كىشىنىڭ چەتئەللەرگە كۆچمەن بولۇپ ئولتۇراقلىشىشى خىتايدىكى ئىختىساس ئىگىلىرىنىڭ چەتئەللەرگە ئېقىپ كېتىشى ئېغىر بولۇشتەك ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرگەنلىكى ئاگاھلاندۇرۇلغان.

ماتېرىياللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 2010-يىلغىچە چەتئەللەردە كۆچمەن بولۇپ ئولتۇراقلاشقان خىتاي پۇقرالىرىنىڭ سانى 45 مىليونغا يەتكەن. خىتاينىڭ جۇڭگو بانكىسىنىڭ 2012-يىلى 3-ئايدا تارقاتقان «2011-يىللىق خىتايدىكى شەخسى مۈلۈكنى باشقۇرۇش ئاق تاشلىق كىتابى» دىكى سانلىق مەلۇماتلاردا خىتاي بايلىرىنىڭ 14% نىڭ باشقا دۆلەتلەرگە كۆچمەن بولۇپ ئولتۇراقلاشقانلىقى ياكى كۆچمەن بولۇش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىۋاتقانلىقى بايان قىلىنىپ، يەنە 46% باينىڭ چەتئەللەردە ئولتۇراقلىشىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان.

گەرچە يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى مۇنازىرىلەردە، چەتئەللەردە ئولتۇراقلىشىۋاتقان خىتاي بايلىرى ئارىسىدا پارىخور خىتاي ئەمەلدارلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ بارغانچە كۆپىيىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي بايلىرىنىڭ ۋە يۇقىرى مەلۇماتلىق خىتاي زىيالىيلىرىنىڭ تۈركۈم-تۈركۈملەپ چەتئەللەردە ئولتۇراقلىشىش يولىنى تاللىۋېلىشى، ئۇلارنىڭ خىتايدىكى ئىجتىمائىي ۋە تەبىئىي شارائىتقا بولغان ئىشەنچىنىڭ يوقىلىشىدىن بولۇۋاتقانلىقى تەكىتلەنمەكتە.

مۇستەقىل قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، گېرمانىيىدە ئولتۇراقلاشقان ليۇ خانىم ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، «خىتاي بايلىرى ۋە يۇقىرى مەلۇماتلىق زىيالىيلىرىنىڭ غەرب دۆلەتلىرىدە ئولتۇراقلىشىشنى تاللىشىدىكى مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى، بايلار خىتايدا ئۆزىنىڭ شەخسى مۈلكىنى ساقلاپ قېلىشقا ئىشەنچ قىلالمىغان بولسا، خىتاي زىيالىيلىرى خىتايدا بارغانچە بوغۇلۇۋاتقان دېموكراتىيە ئەركىنلىكىنى ئىزدەپ غەرب دۆلەتلىرىدە ئولتۇراقلاشماقتا» دېگەن.