خىتاي باش مىنىستىر ۋېن جياباۋنىڭ ئەنگلىيە زىيارىتى ئاخىرلاشتى

خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋنىڭ 3 كۈنلۈك ئەنگلىيە زىيارىتى بۈگۈن يەنى دۈشەنبە كۈنى ئاخىرلاشتى. بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، زىيارەت داۋامىدا ئىككى دۆلەت ئارىسىدا 1 يېرىم مىليارد دوللارلىق مىقداردا سودا توختامى تۈزۈلگەن.

ئەنگلىيە باش مىنىستىرى داۋىد كامېرون ۋېن جياباۋ بىلەن كۆرۈشكەندە، خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسى ۋە خىتاينىڭ سۈرىيىدىكى ۋەقەگە تۇتقان پوزىتسىيىسى سۆھبەت تېمىسى بولغان. ئەمما ئىككى تەرەپ ئارىسىدا مەزكۇر تېمىلاردا كونكرېت نېمىلەر دېيىلگەنلىكى مەلۇم ئەمەس.

ئەنگلىيە باش مىنىستىرى بۇلتۇر نويابىردا خىتاينى زىيارەت قىلغان چېغىدا نوبېل مۇكاپاتىنىڭ ئېرىشكۈچىسى ليۇ شاۋبونىڭ مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ۋېن جياباۋنىڭ ئەتىكى زىيارەت بېكىتى گېرمانىيە. ۋېن جياباۋ 2 كۈن داۋام قىلىدىغان گېرمانىيە زىيارىتىنىڭ دەسلەپكى كۈنىدە گېرمانىيە باش مىنىستىرى مېركېل خانىم بىلەن كۆرۈشىدۇ.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ توربېتىدە خەۋەر قىلىنىشىچە، قۇرۇلتاي ئەتە گېرمانىيىدىكى تىبەت تەشكىلاتلىرى بىلەن بىرلىكتە، ۋېن جياباۋنىڭ گېرمانىيە زىيارىتىگە قارشى نامايىش ئۇيۇشتۇرماقچى. نامايىشتا ئاخبارات ئېلان قىلىنىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە تىبەت خەلقىگە سېلىۋاتقان زۇلۇملىرى پاش قىلىنىدۇ.