ئەنگىلىيە باش مىنىستىرى گوردون بروۋېن، خىتاينىڭ ئاكمەلنى كەچۈرۈم قىلىش ھەققىدىكى چاقىرىقلارغا قۇلاق سالماي، بىر روھى كېسەلگە بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلغانلىقىدىن "چۆچۈگەنلىكى ۋە ئۈمىدسىزلەنگەنلىكى"نى بىلدۈرگەن.
ئەنگىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئايۋان لېۋىس خىتاينىڭ ئەنگىلىيىدىكى باش ئەلچىسى بىلەن ئۆتكۈزگەن بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىنى چۆشەندۈرۈپ، "مەن ناھايىتى چۈشىنىشلىك قىلىپ، شايىخنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى، بۇ ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقنى ئادا قىلىشتىكى مەسئۇلىيەتسىزلىك ئىكەنلىكىنى ئېيتتىم" دېگەن.
بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە، ئاكمەل شايىخنىڭ 2007 - يىلى 4 كىلوگرام خېروئىننى چامىدانغا قاچىلاپ، ئۈرۈمچى ئايرودرومىغا چۈشكەندە قولغا ئېلىنغانلىقىنى، ئۇنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىك جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ، ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭغا بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسى سەيشەنبە كۈنى ئۈرۈمچىدە ئىجرا قىلىندى.
بۇنىڭدىن بىر كۈن بۇرۇن ئەنگىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لېۋىس خىتاينىڭ ئەنگىلىيىدىكى باش ئەلچىسى فۇ يىڭنى چاقىرتىپ، ئاكمەلنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلماسلىقىنى تەلەپ قىلغان، لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئەنگىلىيىنىڭ تەلىپىنى قوبۇل قىلمىغان ئىدى.
لېۋىس ئەنگىلىيە مەتبۇئاتلىرىدا ئېلان قىلىغان بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، "خىتاي پەقەت ئەڭ ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچەملىرىگە رىئايە قىلغاندىلا، دۇنيانىڭ تولۇق ھۆرمىتىگە ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى بىلىشى كېرەك،" دېگەن. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بولسا، ئەنگىلىيىنىڭ تەنقىدىنى رەت قىلىپ، ئاكمەلنىڭ ئەرز قىلىش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىنغانلىقىنى، ئەنگىلىيىنىڭ بۇ ۋەقەگە توغرا مۇئامىلە قىلىپ، "خىتاي - ئەنگىلىيە ئارىسىدا يېڭى يىرىكچىلىك پەيدا قىلماسلىقى " نى تەكىتلىگەن.