خىتاي ئىنژېنېر ئامېرىكىنىڭ سودا مەخپىيەتلىكىنى ئوغرىلىغانلىقى ئۈچۈن 7 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى

ئامېرىكىنىڭ سودا مەخپىيەتلىكلىرىنى ئوغرىلىغان بىر خىتاي ئىنژېنېر چارشەنبە كۈنى ئامېرىكىدا 7 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى. بۇ يىل 46 ياشقا كىرگەن خۇاڭ كېشۆ 2003-يىلىدىن 2008-يىلىغىچە ئامېرىكىنىڭ داڭلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى شىركىتىدە ئىشلىگەن.

ئۇ بۇ مەزگىلدە شىركەتنىڭ ئورگانىك دېھقانچىلىق دورىلىرىنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ئوغرىلاپ، بۇنى ئىلگىرى ئۆزى ئىشلىگەن خۇنەن ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى تەتقىقاتچىلارغا يەتكۈزۈپ تۇرغان.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، خۇنەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىلمىي تەتقىقاتلار فوندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مالىيە ياردىمى ۋە بىۋاسىتە باشقۇرۇشى ئاستىدا 863-نومۇرلۇق پروگراممىسىغا ئاساسەن تەتقىقات ئېلىپ بارىدىغان ئورۇن بولۇپ، 863-نومۇرلۇق پروگرامما دەپ ئاتالغان بۇ تۈر يۇقىرى سەۋىيىلىك پەن-تېخنىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دۆلەتنى خەلقئارا پەن-تېخنىكا ۋە ئىلمىي تەتقىقاتلار ساھەسىدە بەلگىلىك ئورۇنغا ئىگە قىلىشنى مەقسەت قىلغان ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن يولغا قويۇلغان بىر پروگرامما ئىكەن. شۇڭا، خۇاڭنىڭ ئوغرىلىغان ئۇچۇرلىرى بىۋاسىتە ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېرىپ چېتىلىدىكەن.

خۇاڭنىڭ دېلوسىغا قارىغان سوتچى ۋىللىيام لاۋرېنسنىڭ ئېيتىشىچە، خۇاڭ ئۆزىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئىشلىگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان. خۇاڭ ئامېرىكىدا ئىككى چوڭ تېخنىكا شىركىتىدە ئىشلەش جەريانىدا تېخنىكا ئوغرىلىغان.

بۇ شىركەتلەرنىڭ ئادۋوكاتى لەننىي ئىقتىساد ئىشپىيونلۇقى، سودا مەخپىيەتلىكى ئوغرىلاشنىڭ ئېغىر جىنايەتلىكىنى، بۇ خىل مەخپىيەتلىكلەرنى قوغداشنىڭ ئامېرىكىنىڭ مەنپەئىتىگە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، بۇ خىل قىلمىشلارغا ئېغىر جازا بېرىلىشى كېرەك، دېگەن.