بىر خىتاي ئەرزدار ھۆكۈمەت بىناسىنى پارتلىتىپ 6 كىشىنى يارىدار قىلدى

خىتاينىڭ شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ تېڭجيا بازىرىدىكى بىر خىتاي ئەرزدار، دۈشەنبە كۈنى ئەتىگەندە، بازارلىق ھۆكۈمەت بىناسىغا پارتلىتىش ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىپ، 6 كىشىنى يارىلاندۇرغان.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر ئەرزدارنىڭ ئىسمى چۈ خۇاچياڭ بولۇپ، ئۇ ھۇجۇمدىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان. مەزكۇر خەۋەر نۆۋەتتە خىتاينىڭ مىكروبلوگلىرىدا كەڭ تارقالماقتا ۋە خىتاي تور ئەزالىرى خىتاينىڭ ئەرزىيەت سىستېمىسىنى تەنقىد قىلماقتا.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بايان قىلىشىچە، يۈ جيەنرۇڭ ئىسىملىك بىر خىتاي تور ئەزاسى خىتاينىڭ ئەرزىيەت سىستېمىسىنى ساختىپەزلىك بىلەن ئەيىبلىگەن ۋە بۇ سىستېما بەزى كىشىلەرنى ئالداش، قايمۇقتۇرۇش رولىنى ئوينىسا، يەنە بەزى كىشىلەرنى زوراۋانلىق يوللىرىغا مەجبۇرلاۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان.

داۋ ۋاڭسەي ئىسىملىك بىرى بولسا «ئەرزىيەت سېتىمىسى ئەرزدارلار ئۈچۈن بىر تۇزاق، مەن بۇنىڭ ئىسلاھ قىلىنىشىغا تەرەپدار» دەپ يازغان. يەنە بىر تور ئەزاسى، پارتلىتىش ھۇجۇمى ئېلىپ بارغان ئەرزدار چۈ خۇاچياڭنى قەھرىمان دەپ مەدھىيىلەپ ئۇنىڭغا ھۆرمەت بىلدۈرگەن. خىتاي تور بەتلىرىدە مەزكۇر ۋەقە سەۋەبلىك خىتاينىڭ ئەرزىيەت سېتىمىسى قاتتىق تەنقىدكە ئۇچرىغاندىن كېيىن، شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بۇرۇنقى خەۋىرىنى ئۆزگەرتىپ، ھۇجۇمچىنىڭ ئەرزدار ئىكەنلىكىنى يوشۇرۇشقا باشلىغان.