بېيجىڭغا بومبا ئېلىپ ماڭغان خىتاي ئەرزدار يول ئۈستىدە تۇتۇۋېلىنغان

بېيجىڭدا چىقىدىغان يېڭى شەھەر گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خۇ فامىلىلىك بىر ئەرزدار شەنبە كۈنى ئۆزى ياسىغان ئىككى دانە بومبىنى ماشىنىسىغا سېلىپ لياۋنىڭ ئۆلكىسىدىن بېيجىڭغا قاراپ كېتىۋاتقاندا يول ئۈستىدە تۇتقۇن قىلىنغان.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2010.12.28

خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە مەزكۇر ئەرزدار شۇ كۈنى ئەتىگەندە بېيجىڭ شەھىرىگە يېقىنلاشقاندا، يول ئۈستىدە ماشىنىسىغا بېنزىن قاچىلىغان. بېنزىن پونكىتىنىڭ خادىمى بېنزىن پۇلىنى سورىغاندا، ئۇ ئۆزىنىڭ بىر ئەرزدار ئىكەنلىكىنى ۋە يېنىدا پۇلى يوقلۇقىنى ئېيتقان، بېنزىن پونكىتى خادىمى ئۇنىڭ ئالدىنى توسقاندا، ئۇ ماشىنىسىدا بومبا بارلىقىنى بىلدۈرۈپ تەھدىت سالغان ۋە بېنزىننىڭ پۇلىنى تۆلىمەستىن يولىنى داۋام قىلغان.

بۇ چاغدا پونكىت خادىمى ئەھۋالنى ساقچى مەلۇم قىلغان. ئەرزدار خۇ بېيجىڭ شەھەر ئەتراپىدىكى جىڭخا يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىغا كەلگەندە، يەنە ئىككى يول توسۇش ئېغىزىدىن يول پۇلىنى تۆلىمەستىن توسۇقنى بۆسۈپ ئۆتۈپ كەتكەن. بۇنىڭ بىلەن يول توسۇق خادىملىرىمۇ ئەھۋالنى ساقچىغا مەلۇم قىلغان. ساقچىلار جىددىي ھەرىكەتكە كېلىپ، خىتاي ئەرزدار كېتىۋاتقان يول ئۈستىگە قات-قات توسۇقلارنى قۇرۇپ، تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ۋە ئەرزدار شەھەرگە بىر سائەتلىك مۇساپىدە يېقىنلاشقاندا ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇلغان.

ساقچىلار ئۇنىڭ ماشىنىسىنى تەكشۈرگەندە، راستىنىلا ماشىنىدىن ئۇ ئۆزى ياسىغان ئىككى دانە بومبا ۋە بومبا ياساش ئەسۋابى چىققان. ۋەقە ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن ساقچىلار، بۇ يىل 35 ياشقا كىرگەن بۇ ئەرزدارنىڭ ئەسلى ئەرزىنىڭ نېمە توغرىلىق ئىكەنلىكى ۋە بومبىنى ھۇجۇم ياكى تەھدىت ئۈچۈن ياسىغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىگەن. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئەرزدارلار مەسىلىسى نۆۋەتتە خىتايدىكى جىددىي مەسىلىلەردىن بىرى بولۇپ، نۆۋەتتە بېيجىڭ شەھەر ئەتراپىدىكى بارلىق چوڭ كۆۋرۈكلەرنىڭ ئاستىنىڭ ئەرزدارلار تەرىپىدىن ماكان تۇتۇلغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ ئەرز قىلىۋاتقىنىغا ئالدىغا 20 يىلدىن ئاشقانلىقى مەلۇم.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.