ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى بۇنى ئامېرىكا تارىخىدىكى "ئەڭ چوڭ ساختا مال ئىمپورت قىلىش دېلوسى"، دەپ كۆرسەتتى.
جاۋابكارلار چوڭ لام ۋە سۈي يۇڭ چاڭ ئىسىملىك نيۇ - يوركتا ياشايدىغان كىشىلەر ئىكەن. خەۋەردە بۇلارنىڭ مىللەت تەركىبى ئېنىق كۆرسىتەلمىگەن بولسىمۇ، ئىسمىدىن قارىغاندا خىتاي مىللىتىدىن بولۇشى مۇمكىن. سوت پەيشەنبە كۈنى، ۋىرگىنىيە شتاتىنىڭ رىچموند شەھىرىدە ئېچىلغان. مەلۇم بولۇشىچە، جاۋابكارلار 2002 - يىلىدىن 2005 - يىلىغىچە، خىتايدا ئىشلەنگەن ساختا مەھسۇلاتلارنى ئامېرىكىنىڭ نيۇ - يورك شەھىرى ئارقىلىق ئىمپورت قىلغان.
بۇلار، ئاساسلىقى Coach, Burberry, Fendi, Chanel ,Gucci قاتارلىق داڭلىق ماركىلىق 300 مىڭ دانە قول سومكىسىنى ئامېرىكىغا ئېلىپ كىرگەن.
بۇلار سومكىلارنى خىتاينىڭ ئوخشىمايدىغان يېرىدىكى 8 زاۋۇتتا ئىشلەتكەن ئىكەن. ئامېرىكا كۆچمەنلەر ۋە تاموژنا دائىرىلىرىنىڭ قانۇن يۈگۈرۈش تارماقلىرى 2008 - يىلى مەزكۇر جىنايەتچىلەرنىڭ تۇرالغۇسىغا باستۇرۇپ كىرگەن ۋە 100 مىليون دوللار قىممىتىدىكى مالنى قولغا چۈشۈرگەن.
لام ۋە چاڭ لارنىڭ ھەر بىرىگە 30 يىللىقتىن قاماق جازاسى بېرىلگەن ۋە 4 مىليون 750 مىڭ دوللار جەرىمانە قويۇلغان. ئامېرىكا قاتارلىق غەرب ئەللىرى خىتايدا ئىشلەنگەن ساختا ماللارنىڭ ئۆز شىركەتلىرىنى زىيانغا ئۇچرىتىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتقان ئىدى.