ئامېرىكا ئەدلىيە دائىرىلىرى خىتايدىن ئامېرىكىغا ساختا مال ئىمپورت قىلىش بىلەن شۇغۇللانغان ئىككى ئادەم ئۈستىدىن سوت ئېچىپ جىنايىتىنى بېكىتتى

ئامېرىكا ئەدلىيە دائىرىلىرى خىتايدىن ئامېرىكىغا ساختا مال ئىمپورت قىلىش بىلەن شۇغۇللانغان ئىككى ئادەم ئۈستىدىن سوت ئېچىپ جىنايىتىنى بېكىتتى. فرانسىيە ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىشىچە، بۇلار ئامېرىكىغا ئىمپورت قىلغان ساختا ئالىي دەرىجىلىك مەھسۇلاتنىڭ ئومۇمىي قىممىتى 100 مىليون دوللاردىن ئاشىدىكەن.

ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى بۇنى ئامېرىكا تارىخىدىكى "ئەڭ چوڭ ساختا مال ئىمپورت قىلىش دېلوسى"، دەپ كۆرسەتتى.

جاۋابكارلار چوڭ لام ۋە سۈي يۇڭ چاڭ ئىسىملىك نيۇ - يوركتا ياشايدىغان كىشىلەر ئىكەن. خەۋەردە بۇلارنىڭ مىللەت تەركىبى ئېنىق كۆرسىتەلمىگەن بولسىمۇ، ئىسمىدىن قارىغاندا خىتاي مىللىتىدىن بولۇشى مۇمكىن. سوت پەيشەنبە كۈنى، ۋىرگىنىيە شتاتىنىڭ رىچموند شەھىرىدە ئېچىلغان. مەلۇم بولۇشىچە، جاۋابكارلار 2002 - يىلىدىن 2005 - يىلىغىچە، خىتايدا ئىشلەنگەن ساختا مەھسۇلاتلارنى ئامېرىكىنىڭ نيۇ - يورك شەھىرى ئارقىلىق ئىمپورت قىلغان.

بۇلار، ئاساسلىقى Coach, Burberry, Fendi, Chanel ,Gucci قاتارلىق داڭلىق ماركىلىق 300 مىڭ دانە قول سومكىسىنى ئامېرىكىغا ئېلىپ كىرگەن.

بۇلار سومكىلارنى خىتاينىڭ ئوخشىمايدىغان يېرىدىكى 8 زاۋۇتتا ئىشلەتكەن ئىكەن. ئامېرىكا كۆچمەنلەر ۋە تاموژنا دائىرىلىرىنىڭ قانۇن يۈگۈرۈش تارماقلىرى 2008 - يىلى مەزكۇر جىنايەتچىلەرنىڭ تۇرالغۇسىغا باستۇرۇپ كىرگەن ۋە 100 مىليون دوللار قىممىتىدىكى مالنى قولغا چۈشۈرگەن.

لام ۋە چاڭ لارنىڭ ھەر بىرىگە 30 يىللىقتىن قاماق جازاسى بېرىلگەن ۋە 4 مىليون 750 مىڭ دوللار جەرىمانە قويۇلغان. ئامېرىكا قاتارلىق غەرب ئەللىرى خىتايدا ئىشلەنگەن ساختا ماللارنىڭ ئۆز شىركەتلىرىنى زىيانغا ئۇچرىتىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتقان ئىدى.