دوكلاتتا 2009-يىلى خىتايدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى ئېلىپ يۈرگۈچىلەر 740 مىڭ دەپ پەرەز قىلىنىپ،ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ 105 مىڭغا يەتكەنلىكى بايان قىلىنغان.
دوكلاتتا خىتايدىكى ئەيدىز بىمارلىرى يۈزلىنىۋاتقان ئەھۋال بايان قىلىنىپ، دۇنيادا نوپۇسى ئەڭ كۆپ بولغان خىتايدىكى ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ يېتەرلىك داۋالىنىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشەلمەسلىكىدىكى سەۋەب، ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ جەمئىيەتتىلا كەمسىتىلىپ قالماستىن، بەلكى خىتاي ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ھەتتا ئەيدىز كېسىلى داۋالىغۇچى خادىملىرى تەرىپىدىنمۇ كەمسىتىشكە ئۇچراۋاتقانلىقىدىن دېيىلگەن.
ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خىتايدا ئەيدىز ۋىرۇسى بىرقەدەر كەڭ تارقالغان رايونلارنىڭ بىرى بولۇپ، رايوندىكى ئەيدىز بىمارلىرى يېتەرلىك داۋالىنىش ھەم غەمخورلۇققا ئېرىشەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئەيدىز كېسىلىگە يانداش كېسەللەر بىلەن ئۆلۈش نىسبىتىمۇ خىتايدا ئەڭ يۇقىرى بولماقتا ئىكەن.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خىتايدىكى ئەيدىز كېسىلى ئەھۋالى ھەققىدە ئېلان قىلغان دوكلاتىدا يەنە، خىتايدىكى ئەيدىز بىمارلىرى ھوقۇقىنى قوغدىغۇچى شەخسلەرنىڭ پائالىيەتلىرىنىڭ بۇ بىرنەچچە يىلدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەرىپىدىن تەقىب ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى تەنقىدلەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەيدىز ئاكتىپلىرىغا قارىتىلغان ھەر خىل چەكلىمىلەرنى بىكار قىلىشقا چاقىرغان.
