خىتاي ئەيدىز ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات ئېلان قىلدى

"دۇنيا ئەيدىز كۈنى" يېتىپ كېلىش ئالدىدا خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان ھۆكۈمەت دوكلاتىغا قارىغاندا، خىتايدا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار سانى 319 مىڭ 877 گە، ھازىرغىچە بۇ كېسەللىكتە ئۆلگۈچىلەر سانى 68 مىڭ 315 كە يەتكەن.

دوكلاتتا كۆرسىتىشىچە، مەزكۇر سان 1985- يىلىدىن، بۇ يىل ئۆكتەبىرنىڭ ئاخىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۆلگەنلەرنىڭ ئومۇمىي سانى ئىكەن.

دوكلاتتا ئادەمنىڭ دىققىتىنى ئالاھىدە جەلپ قىلىدىغان بىر نۇقتا بولسا، خىتايدا 2009- يىلى ئۆكتەبىرنىڭ ئاخىرىدا ئۆلگۈچىلەر سانى 49 مىڭ 845 دەپ ئېلان قىلىنغان بولۇپ، 2010 يىلى ئىچىدە ئۆلگۈچىلەر سانى 68 مىڭ 315 كە يەتكەن ۋە پەقەت يىل ئىچىدىلا ئۆلگەن ئادەم سانى بىراقلا 20 مىڭغا يېقىنلاشقان.

دوكلاتتا نېمە ئۈچۈن ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە ئۆلگۈچىلەر سانىنىڭ شۇنچە تىز ئۆرلىگەنلىكى چۈشەندۈرۈلمىگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقنىڭ ئىلگىرىكى پەرەزلىرىگە قارىغاندا، خىتايدا ئەنگە ئېلىنمىغان ياكى ئاشكارىلانمىغان ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنىڭ ئومۇمىي سانى 740 مىڭغا يېتىشى مۇمكىن ئىكەن.

ئۇيغۇر ئېلىمۇ ئەيدىز تىز تارىلىۋاتقان رايونلارنىڭ بىرى بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە بۇ كېسەللىك بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ 32 مىڭدىن ئاشىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.