گوگۇل شىركىتى بىلەن خىتاينىڭ ئىختىلاپى مەسىلىسى كېلىپ چىققاندىن كېيىن، خىتاينىڭ ئىنتېرنېتكە بولغان قامال قىلىش مەسىلىسى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ غۇلغۇلىسىنى قوزغىدى. بۇ مەسىلىدە ئالدىنقى ھەپتىدە ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى سېكرېتارى ھىللارىي كىلىنتونمۇ خىتاينى تەنقىد قىلغان ئىدى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىدىكى ۋە غەربتىكى بىر قىسىم مەتبۇئاتلاردا غەرب ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئويغىنىپ، خىتاينىڭ گوگۇلنى قامال قىلىشى مەسىلىسىدە خىتاينى ئەيىبلىشى لازىملىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ئىنسان ھوقۇقى تەشكىلاتلىرى بولسا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى خىتاينىڭ ئۈستىدىن دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەرزى قىلىشقا دەۋەت قىلغان. مەزكۇر تەشكىلاتلار ئامېرىكا سودا ۋەكىلىگە ئىلتىماس سۇنۇپ، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ كېلىشىم ئارقىلىق، خىتاينىڭ ئىنتېرنېتكە قاراتقان قامال قىلىشى ۋە تەكشۈرۈشىنى توسۇشىنى تەلەپ قىلغان. ئەمما، ھازىرچە ئامېرىكىنىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىدىكى ۋەكىللەر ئىشخانىسى تېخى بۇنداق قىلىش ھەققىدە قارار چىقارمىغان.
ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم مەتبۇئاتلاردا يەنە خىتاينىڭ ئىنتېرنېتنى كونترول قىلىش ئارقىلىق خەلقئارا سودىغا توسقۇنلۇق قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى كۆز قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئومۇمەن، گوگۇل ۋەقەسى بىلەن خىتاينىڭ ئىنتېرنېتنى قامال قىلىشى، مەتبۇئات ۋە سۆز ئەركىنلىكىنىڭ قاتتىق چەكلىمىگە ئۇچراتقانلىقى غەرب مەتبۇئاتلىرى ۋە خەلقئارا جەمئىيەت ئەڭ كۆپ كۆڭۈل بۆلگەن مەسىلىگە ئايلانغانلىقى مەلۇم.