خىتاي فرانسىيەدىن، ئوتتۇرىسىدىكى سەزگۈر مەسىلىلەرنى مۇرەسسە ئارقىلىق ھەل قىلىشنى تەلەپ قىلدى

فرانسىيە بىلەن خىتاي ئارسىدىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئۆتكەن يىلدىن باشلاپ ناچارلىشىشقا باشلىغان. بولۇپمۇ ئولىمپىكنىڭ ئالدىدىكى مەشئەل ۋەقەسى ۋە پرېزىدېنت ساركوزىينىڭ تىبەت داھىيسى دالاي لامانى قوبۇل قىلىشى ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى بۇزۇلۇش دەرىجىسىگە ئاپارغان ئىدى.

فرانسىيە باش مىنىستىرى فرانكىئوئۇس فىللوننىڭ بۇ قېتىمقى 3 كۈنلۈك خىتاي زىيارىتى تەرەپلەرنىڭ ئۆتمۈشتىكى ئارازچىلىقلارنى تۈزەش تىرىشچانلىقى دەپ قارالماقتا.

باش مىنىستىر فىللون بۈگۈن بېيجىڭدا قىلغان سۆزىدە ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى ئىختىلاپلار ئۈستىدە توختىلىپ، فرانسىيىنىڭ ئەسلىدە خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش ياكى خىتاينى ئۆزگەرتىش نىيىتى يوقلۇقىنى ئەسكەرتكەن ۋە مۇنداق دېگەن: " فرانسىيە ناھايىتى قەدىمىي بىر دېموكراتىك دۆلەت، بىزدە پىكىر ئەركىنلىكى بار، ھەركىم نېمىنى خالىسا شۇنى دېيىش ئىمكانىغا ئىگە. بۇ بىزنىڭ ئەنئەنىمىز، خىتايمۇ بۇنى چۈشۈنۈشى كېرەك."

خۇجىنتاۋ، بۇ تېمىدا ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى سەزگۈر مەسىلىلەرنى مۇرەسسە يولى بىلەن ھەل قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويغان.

باش مىنىستىر ۋېن جياباۋ بۇ يىل ئەتىيازدا بىر گۇرۇھ سودا ‏- سانائەتچىلەر بىلەن ياۋروپا زىيارىتىگە چىققاندا، فرانسىيەدىن ئاتلاپ ئۆتۈپ كەتكەن ئىدى. فىللوننىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى داۋامىدا ئىككى تەرەپ بىر يۇرۇش سودا كېلىشىمىگە ئىمزا قويغان. كېلىشىم بويىچە خىتاي يېڭى تىپتىكى يولۇچى ئايرىپلانلىرى ئۈچۈن فرانسىيەدىن 15 مىليارد دوللار قىممىتىدە موتور سېتىۋالىدۇ.