ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي باش مىنىستىرى خىتاينىڭ مەبلەغ سېلىش مۇھىتىنىڭ ئۈستۈنلۈكىنى تەكىتلەپ، "مەبلەغ سېلىش ئەھۋالى ناچار بولغان دۆلەتنىڭ، مۇنداق زور مىقداردىكى چەتئەل كاپىتالى بولمايدۇ" دېگەن.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى خىتايدىكى ياۋروپا شىركەتلىرى خىتاينىڭ يېقىنقى يىللار ئىچىدە ئۆزلىرىگە نىسبەتەن قاتتىق چارە - تەدبىر ۋە بەلگىلىمىلەرنى چىقىرىشى مۇمكىنلىكى، نۇرغۇن ياۋروپا شىركەتلىرى خىتاي كوممۇنىست رەھبەرلىرىنىڭ چەتئەل شىركەتلىرىگە نىسبەتەن كەمسىتىش ۋە يەكلەش چارىسى قوللىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.
بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرىنىڭ ياۋروپادىكى بىر قىسىم دۆلەتلەر خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەردىمۇ، خىتايغا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوڭشاش پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى.