خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر يۇرتلىرىنى پارچىلاپ ئىدارە قىلىشنى تېزلەتمەكتە

شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيە مەركىزى كومىتېتى 7 - ئاينىڭ 5 - 6 - كۈنىلىرى بېيجىڭدە غەربنى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش خىزمەت يىغىنى ئاچتى. بۇ يىغىندا خۇجىنتاۋ سۆز قىلىپ، غەربنى كەڭ كۈلەمدە ئېچىش خىتاينىڭ مۇشۇ ئەسردىكى ئەڭ چوڭ قارارى، بۇ قارار بۇيىچە خىتايچە شاۋكاڭ جەمئىيىتى قۇرۇش نىشانىغا يېتىش، خىتائى مىللىتىنىڭ بۈيۈك گۈللىنىشىگە مۇناسىۋەتلىك ئەڭ چوڭ ئىش، دەپ تەكىتلىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ بايانتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ بايان قىلىشىچە، قەشقەرنى ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايونغا ئايلاندۇرۇش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغان خىتاي ھۆكۈمىتى بىر نەچچە كۈندىن بۇيان قەشقەردە، قوراللىق قىسىملار بىلەن چارلاش ئېلىپ بېرىشقا، قەشقەرنىڭ شەھەر ئىچىدىمۇ، ئەتراپتىكى ناھىيىلەردىن قەشقەرگە قاتنايدىغان يوللاردىمۇ قاتمۇ - قات توساق قويۇپ، ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ قاتتىق نازارەت ئاستىغا ئېلىشقا باشلىدى.

بوشۇن تور گېزىتى ئۆتكەن ھەپتىدە، خۇجىنتاۋ - ۋېن جاباۋ ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى خىتايلاشتۇرۇشنى تېزلىتىش ئۈچۈن، خىتاينىڭ 19 ئۆلكە ۋە چوڭ شەھەرلىرىگە ياردەم بېرىش دېگەن نام بىلەن ئۇيغۇر يۇرتلىرىنى تەقسىملەپ بېرىپ، ئۇيغۇر يۇرتلىرىنى ئۇلارغا پارچىلاپ ئىدارە قىلغۇزۇشقا باشلىغانلىقىنىڭ تەپسىلىلاتىنى بايان قىلغان ئىدى.