گرېتسىيىدە ئۈچ كۈنلۈك دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇۋاتقان خىتاي رەھبىرى خۇ جىنتاۋ، گرېىتسىيە باش مىنىستىرى كارامانلىس بىلەن سەيشەنبە كۈنى خىتاي - گرېىتسىيە دېڭىز پورتى سودا ئالاقىسىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا 5 مىليارد 400 مىليون دوللارلىق سودا كېلىشىمى ھاسىل قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن خىتاي ئوتتۇرا دېڭىز ۋە شەرقىي ياۋرۇپاغا ماڭغۇزىدىغان مال كانتېنىرلىرىنى قاچىلاش ئۈچۈن گرېتسىيىنىڭ ئاساسلىق ئىككى پرېىستانىنىڭ 35 يىللىق ئىشلىتىش ھوقوقىغا ئىگە بولغان.
گرېتسىيىنىڭ مەزكۈر پرېستانلىرى تىنچ ئوكياندىكى مۇھىم ھەم چوڭ مال قاچىلاش ئورنى بولۇپ، پرېستاندىكى ئىشچىلار خىتاينىڭ مەزكۈر پرېستانلارنى ئىجارىگە ئېلىشى بىلەن زور كۆلەمدە خىتاينىڭ سۈپەتسىز ماللىرىنىڭ ئېقىپ كىرىپ گرىتسىيە بازارلىرىنى قالايمىقانلاشتۇرىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا ئىكەن.
سەيشەنبە كۈنى خىتايغا ئىجارىگە بېرىلگەن مەزكۈر پرېستانلاردىكى مال قاچىلاش ئىشچىلىرى گرېتسىيە پايتەختى ئافىنا مەركىزىدە ئايلىنىپ نامايىش قىلغان. نامايىشچىلار دۆلەت مىنىستىرلىقىغا كىرىشكە ئۇرۇنغان بولسىمۇ توسۇپ قېلىنغان.
گرېتسىيە دېڭىز سودا پورتى ياۋرۇپادىكى ئون چوڭ سودا پورتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، دۇنيادىكى %20 تىن كۆپرەك كانتىنېرلار گرېتسىيە پورتلىرىدىن توشۇلىدۇ.
خىتاينىڭ گرېتسىيە دېڭىز پورتىغا سالغان مەبلىغى ئۇزاق يىللىق سودا ئىستراتېگىيىسىنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، ھالبۇكى بېرىتانىيە ئاخباراتىدا گرېتسىيە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى رەھبىرىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، ئۇلار خىتاينىڭ مەزكۈر پورتلاردا مال قاچىلاپلا قالماي زاۋۇتلارنى قۇرۇپ خىتايدا ئىشلەنگەن ماللارغا ئۆز ئالدىغا ياۋرۇپا ماركىلىرىنى قايتا قاچىلاپ سېتىشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ دەپ قارىماقتا.