خىتاي شۋېتسارىيىنىڭ گۈەنتانامودىكى ئىككى ئۇيغۇرغا سىياسىي پاناھلىق بەرگەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈردى

خىتاي ھۆكۈمىتى پەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، شۋېتسارىيىنىڭ گۈەنتانامودىكى ئاكا - ئۇكا ئۇيغۇرلاردىن بەختىيار مەھمۇد بىلەن ئەركىن مەھمۇدلارغا سىياسىي پاناھلىق بەرگەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى گۇناھسىز دەپ ئېلان قىلغان ئاكا - ئۇكا مەھمۇدلار 2002 - يىلدىن بېرى گۈەنتانامودا يېتىۋاتقان بولۇپ، خىتاي ئامېرىكىنىڭ گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى ھەر قانداق بىر دۆلەتكە يۆتكىشىگە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ كەلگەن ئىدى.

لېكىن شۋېتسارىيە خىتاينىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا قارىماي ئاكا - ئۇكا مەھمۇدلارغا سىياسىي پاناھلىق بېرىپ، ئۇلارنى ئالدىنقى كۈنى شۋېتسارىيىگە يۆتكەپ كەلگەن. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى چىن گاڭ پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتىدا" بىز ئامېرىكىنىڭ يۇقىرىدا بىز تىلغا ئالغان گۇماندارلارنى 3 - بىر دۆلەتكە ئەۋەتىشىگە قەتئىي قارشى تۇرىمىز" شۇنداقلا " ھەر قانداق بىر دۆلەتنىڭ ھەر قانداق سەۋەب بىلەن بۇ گۇماندارلارنى قوبۇل قىلىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىمىز. بىز بۇ مەسىلىدىكى پىكىرىمىزنى مۇناسىۋەتلىك دۆلەتكە يەتكۈزدۇق"دېگەن.

شۋېتسارىيە ھۆكۈمىتى بولسا ئىنسانپەرۋەرلىكنى چىقىش قىلىپ، 2002 - يىلدىن بېرى گۈەنتانامودا يېتىۋاتقان بۇ كىشىلەرگە پاناھلىق بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئاكا - ئۇكا مەھمۇدلارنىڭ بىرىنى ئىلگىرى تىنچ ئوكياندىكى پالاۋ دۆلىتى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار بىر - بىرىدىن ئايرىلىشنى خالىماي پالاۋغا بېرىشنى رەت قىلغان ئىدى.