خىتاي گوگۇلغا ھۇجۇم قىلىشقا باشلىدى

خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ئاۋازى بولغان شىنخۇا، خەلق كۈندىلىك گېزىتى قاتارلىق بىر يۈرۈش دۆلەت ئاخبارات ۋاستىلىرى گوگۇلغا قارشى ھۇجۇم قىلىشقا باشلىدى. دۈشەنبە كۈنى بۇ ئاخبارات ۋاستىلىرى گوگۇلنى سىياسەتكە ئارىلىشىش بىلەن ئەيىبلەپ، گوگۇلنىڭ بۇنداق قىلىش ئارقىلىق پايدا ئېلىشنى كۆزلەۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

خەۋەرلەردە، گوگۇلنىڭ خىتاي بازىرىغا كىرىشتىن ئاۋال خىتاي قانۇنىغا بويسۇنۇش ھەققىدە ۋەدە بەرگەنلىكى، ئەمدىلىكتە ۋەدىسىنى بۇزۇپ، خىتاينى مەبلەغ سالغۇچىلارغا ياخشى مۇھىت يارىتىپ بەرمەسلىك بىلەن ئەيىبلىگەنلىكى بايان قىلىنغان. شىنخۇا تورى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە: " بۇ يەردە ياخشىلىنىشى كېرەك بولغان بىر نەرسە بولسا، ئۇ خىتاي ئەمەس، بەلكى گوگۇل ئۆزى" دەپ گوگۇلنى ئەيىبلىگەن.

بۇ يىلنىڭ بېشىدا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىنتېرنېت ئىزدەش ماتورى شىركىتى - گۇگۇل، خىتايدا گۇگۇل ئابونتلىرى بولۇپمۇ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ۋە ئۆكتىچىلەرگە قارىتىلغان ئىنتېرنېت ھۇجۇملىرىنىڭ كۈچەيگەنلىكى ۋە ئۇلارنىڭ ئېلخەتلىرىنىڭ خىتايدا دائىم خاككېرلار تەرىپىدىن ئېچىۋېتىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئەگەر خىتايدا بۇ خىل ئەھۋاللار يەنە داۋاملاشسا خىتايدىكى سودىسىنى توختىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. خىتاي تەرەپ گەرچە مەتبۇئاتلارغا ئىككى تەرەپ ئارىسىدا سۆھبەتنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئەمما گوگۇل نىيتىنىڭ قەتئىي ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى ۋە پات يېقىندا گوگۇلنىڭ خىتاي بازىرىدىن چېكىنىپ چىقىدىغانلىقىغا دائىر خەۋەرلەر تارقىدى.

ئامېرىكىدىكى مۇلاھىزىچىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ گوگۇل مەسىلىسىگە تۇتقان پوزىتسىيىسى خىتاينىڭ گوگۇل مەسىلىسىنى ئىنتېرنېت ئەركىنلىكى مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى ئامېرىكىنىڭ خىتاينى چەكلەيدىغان ۋە ئۇنى يالغۇز قويىدىغان ئىستراتېگىيىسىنىڭ بىر قىسىمى، دەپ قارايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خىتاينىڭ سىياسىتى غەربكە قارشى تۇرۇشقا قاراپ ئۆزگەرمەكتە، دەپ پىكىر بايان قىلىشقان ئىدى.