خىتاي ھاراق زاۋۇتلىرى مەھسۇلاتلىرىدا راك پەيدا قىلغۇچى ماددىلارنىڭ بارلىقىنى ئېتىراپ قىلمىدى

روېيتېرس ئاگېنتلىقى، فرانسىيە ئاگېنتلىقى قاتارلىق ئۇچۇر ۋاستىلىرىنىڭ بۈگۈن بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق شەھەرلەردىن يوللىغان خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، خىتاينىڭ ھاراق زاۋۇتلىرى، بولۇپمۇ گۇيجۇ ماۋتەي ھارىقى، چىڭداۋ پىۋىسى، يەنتەي چاڭيۈ ۋىنوسى دېگەندەك داڭلىق ئىچىملىك زاۋۇتلىرى ئۆزىنىڭ مەھسۇلاتلىرىدا راك پەيدا قىلغۇچى ماددىلارنىڭ بارلىقىنى ئېتىراپ قىلمىغان.

بەلكى ئەھۋالنى بىلىدىغان كىشىلەر خىتايدا ئىشلەنگەن ھاراق مەھسۇلاتلىرىدا ئىچكەن كىشىنى راك كېسەللىكىگە گىرىپتار قىلىدىغان 'سودىيۇم نىترات' دەپ ئاتىلىدىغان خېمىيىۋىي ماددا بارلىقىنى پاش قىلىپ ئىنتېرنېتتە ئېلان قىلغان پاكىتلىق دوكلاتلارنى 'داڭلىق مەھسۇلاتلىرىمىزنىڭ ئابرۇيىنى چۈشۈرمەكچى بولغان ئىغۋا' دەپ ئەيىبلىگەن.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئەمما خىتاينىڭ ھاراق زاۋۇتلىرى خىتايدا ئىشلەنگەن ھاراقلاردا 'سودىيۇم نىترات' ماددىسى يوق، ياكى بۇنداق خېمىيىۋىي ماددا ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنمىغان، دەپ كەسكىن ئېيتالمىغان.