دېنىس بلائىر بۇ سۆزلەرنى پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ماقۇللىقىدىن ئۆتۈش يىغىنىدا سۆزلىگەن سۆزىدە تەكىتلىگەن بولۇپ، ئۇ "خىتاي ئۆزىنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتىنى ساقلاش ئۈچۈن بازار، تاۋار ۋە ئېنېرگىيە تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. بۇ خىتاينىڭ چەتئەللەر بىلەن بولغان ئالاقىسىغا زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتمەكتە" دېگەن. ئۇ يەنە، خىتاينىڭ خەلقئارادا ئۆزىنىڭ ئوبرازىنى تىكلەشكە ۋە تەسىرىنى كېڭەيتىشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خىتاينىڭ مەنپەئەتى، بىخەتەرلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە كېلىدىغان تاشقى رىقابەتكە قارشى تىركىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي - تەيۋەن مۇناسىۋىتىنىڭ تەيۋەن پرېزىدېنتى ما يىڭجيۇ دەۋرىدە يۇمشاۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن دېنىز بلائىر، خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ تەيۋەننى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۆز ھاكىمىيىتىنى " قانۇنلاشتۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى" دەپ قارايدىغانلىقىنى، لېكىن خىتاينىڭ ھەربىي تەرەققىياتى ۋە دۆلەت مۇداپىئە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى تەيۋەن بوغۇزىدا ئۇرۇش پارتلاش ئېھتىمالىنى كۆزدە تۇتۇپ ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
دېنىز بلائىر، خىتاينىڭ 2008 - يىلى مۇداپىئە خام چوتىنى 6.17 پىرسەنت ئۆستۈرۈپ، 61 مىليارد دوللارغا يەتكۈزگەنلىكى " تەيۋەنگە زور تەھدىت پەيدا قىلغان" لىقىنى، ئەگەر تەيۋەننىڭ بۇنىڭغا تەييارلىقى بولمىسا " بىز تەيۋەنگە ياردەم قىلالايدىغان بىردىن - بىر دۆلەت بولۇپ قالىمىز" دېگەن.