خىتاي ھەربىي ئىشلار تورىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، -5 ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن، ئۇيغۇر ئېلىگە كەلگەن تيەنجىن، گۇاڭجۇ، شېنجېن،، بېيجىڭ ، شىجياجۇاڭ، چاڭچۈن قاتارلىق چوڭ شەھەرنىڭ ئالاھىدە ساقچى قىسىملىرى ئۇيغۇر ئېلىدە ،ئىز قوغلاپ تۇتۇش، ئاختۇرۇش،جىنايەتچىلەرنى يۆتكەش، 24 سائەتلىك چارلاش، ئالاھىدە ئورۇنلارنىڭ مۇقىملىقنى قوغداشقا ئوخشاش ۋەزىپىلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ -7 ئاينىڭ ئاخىرىدا ئېلان قىلغان باياناتىغا قارىغاندا، 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن ،خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە باستۇرۇش ھەرىكىتى ئۈچۈن خىتاي ئۆلكىلىرىدىن مىڭلىغان قوراللىق ساقچىنى يۆتكىگەندىن سىرت ، يەنە لەنجۇ ھەربىي رايونىدىن مەخسۇس ئەسكىرى قوشۇن يۆتكىگەن.
خىتاي يەنە ، بىڭتۇەندىكى زاپاس ئارمىيىسىنىمۇ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ۋەزىيىتىنى كونترول قىلىشقا تەييار قىلغان.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى -5 ئىيۇلدىن باشلاپ ،خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سىرتقى دۇنيا بىلەن بولغان ئالاقىسىنى پۈتۈنلەي ئۇزۇپ تاشلاپ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن توختاتماي ئېلىپ بېرىۋاتقان قانلىق باستۇرۇش، تۇتقۇن قىلىش ھەرىكەتلىرى ئۈستىدىن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ مەخسۇس تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلماقتا.
