ئۇ يەنە ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىغا، 56 مىللەتنىڭ ئەسكىرى قاتناشقان بۇ قېتىمقى ھەيۋەتلىك پاراتتا، مۇشۇ يېڭى تىپتىكى قوراللارنىڭ 90% نى سىلەرگە ئەينەن كۆرسىتىمىز، دەپ ۋەدە بەردى.
خەۋەردە بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ 2009 - يىللىق ھەربىي خىراجىتى ئۆتكەن يىلدىكى 6 مىليارد 900 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن 15% كۆپەيتىلگەن ئىدى. خىتاينىڭ ھەربىي پارات باياناتچىسى بۈگۈنكى باياناتىدا يەنە 'جوڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى ھازىر زامانىۋىيلاشتى، جوڭگو مۇشۇ كۈچ بىلەن دۇنيادا ئۇزۇنغا سوزۇلغان تىنچ، ئاۋات ۋە ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىدۇ' دەپ جاكارلىدى.