يېڭى زىللاندىيە تېلېۋىزىيسىنىڭ 5 - ئاينىڭ 2 - كۈنى كەچ سائەت 5 يېرىمدا بايان قىلىشىچە، ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى كېۋىن رۇد سېدنېيدا بىر ھەربى پاراخوتتا تۇرۇپ پۈتۈن دۇنياغا بايانات ئېلان قىلىپ، ئاۋسترالىيىنى قوغاش ئۈچۈن، پەۋقۇلئاددە مەبلەغ ئاجرىتىپ، ئاۋسترالىيىنىڭ ھەربىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ، خىتاينىڭ ھەدەپ كېڭىيىۋاتقان ھەربىي كۈچىگە تاقابىل تۇرۇدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
يېڭى زىللاندىيىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىسىتىرى دوكتور ماپمۇ، بىر خۇسۇسى تېلېۋىزىيىدە ستانسىسى ئارقىلىق، يېڭى زىللاندىيىنىڭ ئاۋسترالىيىە بىلەن بىرلىكتە بىخەتەرلىك سېستىمىسىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
يېڭى زىللاندىيىدە خىتايچە چىقىدىغان 'پايتەخت گېزىتى' بۇ ھەقتىكى خەۋەرنى تېخىمۇ تۇلۇق ۋە تەپسىلى باستى. ئۇنىڭدا بايان قىلىنىشىچە، يېقىندا ئاۋسترالىيىنىڭ 140 بەتلىك 'دۆلەت مۇداپىئە ئاق تاشلىق كىتاب' ى ئېلان قىلىنغاندا، ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى كېۋىن رۇد سۆز قىلىپ 'ئامېرىكىدىن ئىبارەت بۇ دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەتنىڭ تەسىرى كېچىكلەۋاتىدۇ، ئاۋسترالىيە ئۇنىڭ قوغدىشىغا تايىنىدىغان تارىخ ئاخىرلاشماقتا. خىتاي ھازىر ھەربىي كۈچىنى ئۆزىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇناسىپ بولمىغان دەرىجىدىن تاشقىرى بىر ھەربىي كۈچكە ئايلاندۇرىۋاتىدۇ، بىز ئەمدى ئاسيا - تىنج ئوكيان رايونىدا خىتايدىن ئىبارەت بۇنداق بىر خەۋپكە تاقابىل تۇرۇشقا تەييارلىق قىلىمىز' دېگەن.
بۇ ئاق تاشلىق كىتابتا يەنە، خىتاي بىلەن مالايشىيا، ۋېتنام، فىلىپىن ئارىسىدىكى دېڭىزدىكى جىدەللەر كۈنسېرى ئەۋج ئېلىۋاتقانلىقى، خىتاي بىر تەرەپتىن تەيۋەن بىلەن تىنجلىق ھەققىدە سۆزلىشىپ، يەنە بىر تەرەپتىن مىڭدىن ئارتۇق باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى بىلەن 23 مىليون خەلقنى قارىغا ئېلىۋاتقانلىقى تەسۋىرلەپ كۆرسۈتۈلگەن.