بۇ باراك ئوباما پرېزىدېنت بولغاندىن بۇيان خىتاينىڭ ئالىي دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدارىنىڭ ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گېنېرال شۈ سايخوئۇ سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى روبېرت گەيتس بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىككى تەرەپ ھەربىي مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە رەسمىي سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ.
خىتاينىڭ 2 - دەرىجىلىك ئالىي ھەربىي ئەمەلدارىنىڭ ئامېرىكا زىيارىتى جەريانىدا، ئۇ بىر قىسىم ئامېرىكا ھەربىي - سىياسىي رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشكەندىن سىرت يەنە ئامېرىكىنىڭ تىنچ ئوكيان قوماندانلىق شىتابىنى زىيارەت قىلغاندىن سىرت يەنە ئاننوپولىس دېڭىز ئارمىيە مەكتىپى قاتارلىق بىر قىسىم ئالىي ھەربىي بىلىم ئورۇنلىرى ھەمدە ھەربىي بازىدا زىيارەتتە بولىدىكەن.
مۇلاھىزىچىلەرنىڭ قارىشىچە، شۈ سايخوئۇنىڭ زىيارىتى پرېزىدېنت باراك ئوبامانىڭ 11 - ئايدا خىتاينى زىيارەت قىلىشىنىڭ ئالدىغا توغرا كەلگەن. بۇ قېتىم يەنە ئامېرىكا تەرەپنىڭ مەزكۇر خىتاي ھەربىي قوماندانىنىڭ ئامېرىكىنىڭ مۇھىم ۋە سەزگۈر ھەربىي ئورۇنلىرىنى زىيارەت قىلىشىغا رۇخسەت قىلىشى ئىككى دۆلەت ھەربىي مۇناسىۋەتلىرىدىكى بىر ئىلگىرىلەشنىڭ ئىپادىسى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋەتلىرىدە ھەربىي مۇناسىۋەتلەر سودا - ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي مۇناسىۋەتلەرگە قارىغاندا ئارقىدا قالغان ئىدى. ئامېرىكا تەرەپ خىتاينىڭ ھەربىي خامچوتىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇشىنى تەنقىد قىلغان ھەمدە بېيجىڭدىن ئۆزىنىڭ ھەربىي تەرەققىياتىنىڭ مەقسىتىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.