خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تۇنجى رەسمى تور بېتىنى بۈگۈن ئاچتى

خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تۇنجى رەسمىي تور بېتىنى ئاچتى. خىتاي ھۆكۈمىتى داۋاملىق ھالدا ھەربىي كۈچىنى مەخپىي تۇتۇش بىلەن خەلقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىن ئەيىبلىنىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، خىتاينىڭ بۇ تور بەتنى ھەربىي ئىشلىرىغا قىسمەن بولسىمۇ، ئوچۇقلۇق ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن ئاچقانلىقى پەرەز قىلىنماقتا.

خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېتىدە خۇ جىنتاۋ ۋە باشقا ھەربىي ئەمەلدارلارنىڭمۇ رەسىملىرى قويۇلغان. تور بەتتە يەنە ھەرخىل قورال - ياراق ۋە ئەسكىرى ئاپتوموبىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلار ۋە رەسىملەر، خىتاينىڭ مۇداپىئە سىياسەتلىرى، خەلقئارا ئەسكىرى ئىش بىرلىكلىرى، ئەسكىرى قانۇنلىرى ۋە خەۋەرلىرىگە يەر بېرىلگەن.

بۇ تور بېتىنىڭ ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ باش گېنېرالى ستەف گېننىڭ خىتاي زىيارىتى جەريانىدا ئېچىلىشىمۇ ئالاھىدە دىققەت تارتتى.

خىتاينىڭ ھەربىي خىراجەتلىرىنىڭ يۇقىرىلىقىمۇ خەلقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىن ئىزچىل تەنقىدلىنىپ كېلىۋاتقان مەسىلە ئىدى. خىتاينىڭ ئۈزلۈكسىز ھالدا ئېشپ بېرىۋاتقان ھەربىي خىراجەتلىرى بۇ يىل 9. 14 پرسەنت ئېشىپ 480 مىليارد 680 مىليون يۇەنگە يەتكەن بولۇپ، خىتاي بۇ ھەربىي خىراجەتلىرىنىڭ ئىشلىتىلگەن ئورۇنلىرى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بەرمەيۋاتقان ئىدى.

گەرچە خىتاي ئەسكىرى كۈچىنى سىرتقا قارىتا كېڭەيمىچىلىك ئەمەس، ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈنلا تەرەققى قىلدۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما مۇتەخەسسىسلەر بۇنىڭغا گۇمانىي نەزەر بىلەن قارىماقتا.