خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، پاكىستان پرېزىدېنتى ئاسىف ئېلى زاردارى بىلەن پاكىستان ھەربىي ئاخبارات ئەمەلدارى ئەخمەت پاششا بۇلتۇر خىتاينى زىيارەت قىلغاندا، خىتاي دېڭىز قىسىملىرىنىڭ ھىندى ئوكيانغا چىقىش ئۈچۈن پاكىستاننىڭ گۇادار پورتىدا ھەربىي بازا قۇرۇش شۇنداقلا خىتاينىڭ تۆمۈر يول، تاشيول ۋە نېفىت تۇرۇبا لىنىيىسىنى گۇادار پورتىغا تۇتاشتۇرۇش پىلانىنى مۇزاكىرە قىلغان ئىدى.