خىتاينىڭ بىر ھەربىي ئايروپىلانى گۇاڭدۇڭدىكى بىر ھويلىغا چۈشۈپ كېتىپ 3 كىشىنى يارىلاندۇردى

خىتاينىڭ ھەربىي مەشىق ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر ئايروپىلانى، بۈگۈن يەنى سەيشەنبە كۈنى ئەتىگەندە، گۇاڭدۇڭنىڭ شەنتۇ شەھىرىدىكى بىر ئائىلىلەر بىناسىغا چۈشۈپ كېتىپ، 3 كىشىنى يارىلاندۇرغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئايروپىلان بىناغا ئۇرۇلغاندىن كېيىن، بىناغا ئوت كەتكەن. بىنادا ئولتۇرۇشلۇق 4 كىشىدىن بىرى بىنادىن قېچىپ قۇتۇلغان؛ 3 نەپىرى يارىلانغان ۋە دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغان؛ ئايروپىلان ئۇچقۇچىسى پاراشۇت ئارقىلىق ئۆزىنى قۇتۇلدۇرغان.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ بۈگۈن بۇ ھەقتە بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يارىدارلاردىن 26 ياشلىق بىر ئايالنىڭ ئەھۋالى نۆۋەتتە خەتەرلىك باسقۇچتا. خەۋەردىن يەنە مەلۇم بولۇشىچە، ھەربىي مەشىق داۋامىدا تېخنىكىلىق سەۋەنلىك تۈپەيلىدىن موللاق ئاتقان بۇ ئايروپىلان، «J-7» تىپلىق ئايروپىلان بولۇپ، ئۇ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ، 1960-يىللاردىكى MiG-21 تىپلىق ئايروپىلانىغا تەقلىد قىلىپ ياسالغان.