خىتاي دۇنيا بويىچە ھەربىي سېلىنمىسىنىڭ كۆپلۈكى جەھەتتە ئامېرىكىدىن قالسىلا 2 - ئورۇندا تۇرىدۇ. خىتاينىڭ ھەربىي سېلىنما مىقدارىنىڭ بۇنداق زور بولۇشى ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنىنىڭ ئېنىق بولماسلىقى كۈزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ كەلمەكتە. ئۇلار خىتاينىڭ ھەربىي سېلىنمىسىنىڭ ئۇ ئېلان قىلغان رەسمىي رەقەمدىن كۆپ يۇقىرىلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
ياپونىيە مەتبۇئاتلىرى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، خىتاي ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ ئىچكى ماتېرىيالىدا بېرىلگەن بۇ رەقەمنىڭ كۆزەتكۈچىلەرنىڭ گۇمانلىرىنى دەلىللەيدىغانلىقىنى يازدى.
ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شۋېتسىيىدىكى "خەلقئارا تىنچلىق تەتقىقات مەركىزى" ئېلان قىلغان دوكلاتىدا خىتاينىڭ ئەمەلىي ھەربىي راسخوتىنىڭ ئېلان قىلىنغان رەقەمدىن 1.75 ھەسسە كۆپ ئىكەنلىكىنى، ئۆتكەن 10 يىل ئىچىدە خىتاينىڭ ھەربىي سېلىنمىسىنىڭ 3.17 ھەسسە ئاشقانلىقىنى بىلدۈرگەن.