'خىتاي مەخپىي تۇتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ھېسابىنى بەرمەيۋاتىدۇ'

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدىن بايان قىلىشىچە، باش ئورگىنى نيۇيوركتىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى يېقىندا، خىتاي ئۈرۈمچىدە مەخپىي تۇتقان 43 ئۇيغۇرنى سۈرۈشتۈرگەن ئىدى. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا تېخىچە ئىنكاس قايتۇرمىدى.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي ساقچى دائىرىلىرى، 5 ‏ - ئىيول كۈنى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن نامايىشتا تۇتۇلغان ئادەم سانىنى 1400 دىن ئارتۇق دەپ ئېلان قىلغان ئىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئېلان قىلغان مەلۇماتتا 825 دېدى. بىر نەچچە ئايدىن كېيىن ئاران 21 ئادەمنى سوتلىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. قالغانلىرى قېنى؟ بۇ ھەقتە خىتاي تېخىچە خەلققە ھېساب بەرمىدى.

ھازىر ئۇيغۇرلار مۇشۇ بىر نەچچە ئاي ئىچىدە ناھايىتى كۆپ ئادەمنىڭ ئىز - دېرەكسىز يوقۇلۇپ كېتىۋاتقانلىقىدىن، ھەتتا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى ئائىلىلەردىن تۇتۇپ ئەكەتكەن 10 نەچچە ياشلىق بالىلارنىڭمۇ ھېسابىنى بەرمەيۋاتقانلىقىدىن قاتتىق بىئارام بولماقتا.

خارۋارد ئۇنىۋېرسىتىنىڭ تارىخ تەتقىقاتچىسى راين سۇم 'ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن نامايىشتىن كېيىن مەلۇم قىلىنىۋاتقان ئىز - درەكسىز يوقالغان بىگۇنا ئۇيغۇرلارنىڭ سانى بارغانسېرى كۈپىيىۋاتىدۇ. بۇ مەسىلىگە قانداق مۇئامىلە قىلىش، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئادىل مۇئامىلە قىلىۋاتقان ياكى قىلمايۋاتقانلىقىغا تاقىلىدىغان مەسىلە' دەپ كۆرسەتتى.