خىتاي، ھىندىستان بىلەن چېگرا ئۇرۇشى يۈز بەرگەن ئاقسايچىندا رەسەتخانا قۇرماقچى
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئاقسايچىندا رەسەتخانا قۇرۇشنى پىلانلىغان. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ياپونىيە، جەنۇبىي كورىيىلەرنىڭ ئاسترونومىيە مۇتەخەسسىسلىرىمۇ، دېڭىز يۈزىدىن بىر قەدەر ئېگىز، بۇلۇت ۋە نەملىك ئاز، كېچىدە يىراقنى ئېنىق كۆرگىلى بولىدىغان بۇ ئاقسايچىن رايونى، رەسەتخانا قۇرۇشقا مۇۋاپىق جاي دەپ قارىغان.
مۇخبىرىمىز ۋەلى
«ھىندىستان ۋاقىت گېزىتى»نىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھازىر رەسەتخانا قۇرۇشنى پىلانلىغان بۇ جاي 1962-يىلى ھىندىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا شىددەتلىك چېگرا ئۇرۇشى يۈز بەرگەن، شۇنىڭدىن كېيىن خىتاينىڭ كونتروللۇقىدا بولۇپ كېلىۋاتقان، ئەمەلىيەتتە ھىندىستان تەۋەلىكىدىكى كەشمىرنىڭ زېمىنى بولغان ئاقسايچىن، ئەگەر خىتاي بۇ جايدا رەسەتخانا قۇرسا، مەسىلە تېخىمۇ مۇرەككەپلىشىدۇ.