خىتاي دالاي لامانىڭ ھىندىستان - خىتاي چېگرا رايونىدىكى زىيارىتىگە قارشى تۇرماقتا

خىتاي تىبەت روھانىي داھىيسى دالاي لامانىڭ ھىندىستان - خىتاي چېگرىسىدىكى، تىبەتلەر زىچ ئولتۇراقلاشقان ئارۇناچال پرادېش رايونىدا ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتىگە قارشى تۇرماقتا.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯩﻬﺮﯨﺒﺎﻥ
2009-10-20
Share

ئارۇناچال پرادېش رايونى تىبەتنىڭ جەنۇبىغا، بۇتاننىڭ غەربىگە جايلاشقان بولۇپ، خىتاي ۋە ھىندىستاندىن ئىبارەت ھەر ئىككى دۆلەت بۇ رايونغا ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىمىز بار دەپ قارايدۇ، شۇڭا بۇ رايون ۋە خىتاي - ھىندىستان چېگرىسىدىكى باشقا بىر قىسىم جايلارغا نىسبەتەن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى تالاش - تارتىش ئۈزلۈكسىز ھەل بولمايۋاتقان بولۇپ، 1962 - يىلدىكى خىتاي - ھىندىستان چېگرىسىدا يۈز بەرگەن ئۇرۇشمۇ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلالمىغان ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ جاينى، "جەنۇبىي تىبەت" رايونى دەپ ئاتايدىغان بولۇپ، خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى ما چاۋ تۈنۈگۈن بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، "بېيجىڭ ھۆكۈمىتى دالاي لامانىڭ ھىندىستان كونتروللۇقىدىكى ئارۇناچال پرادەش رايونىدا زىيارەتتە بولۇشىغا قارشى تۇرىدۇ"دېدى.

ئوتكەن ئايدا ھىندىستان باش مىنىستىرى سىنگانىڭ ئارۇناچال پرادېش رايونىغا ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان ئىدى. ئوخشاشلا خىتاينىڭ پاكىستان كونتروللۇقىدىكى كەشمىر رايونىدا پاكىستانغا ياردەملىشىپ قۇرۇپ بەرمەكچى بولغان سۇ ئامبىرى قۇرۇلۇشىمۇ ھىندىستاننىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان ئىدى.

1959 - يىلى خىتايغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان تىبەت قوزغىلىڭىدىن كېيىن، دالاي لاما باشچىلىقىدىكى بىر بۆلەك تىبەتلىكلەر ھىندىستانغا سەرگەردان بولۇپ چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، دالاي لامانىڭ تىبەت خەلقىنىڭ ھەق - ھوقۇقلىرى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرى، گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن "بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتى" دەپ ئەيىبلىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق جەمئىيەتلىرى ۋە نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەر دالاي لامانى ئۈزلۈكسىز قوللاپ كېلىۋاتقان ئىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت