ئامېرىكىنىڭ ھەربىي تەرەپ رەھبىرى خىتايدىن شىمالىي كورىيە مەسىلىسىدە ھەرىكەت قوللىنىشنى تەلەپ قىلدى

خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكا تەرەپنىڭ شىمالى كورىيىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، پيوڭياڭ "تەرسالىقتىن" ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلاش توغرىسىدىكى جىددى بېسىمىغا دۇچ كەلدى.

بۇنىڭدىن بۇرۇن ئاقساراي، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىكى قاتارلىق ئورگانلار خىتاينى چاقىرىپ، ئۇنىڭدىن شىمالىي كورىيىنىڭ ئىلگىرىلەپ ئىغۋاگەرچىلىك قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تەلەپ قىلغان. بۇ قېتىم ئامېرىكا تەرەپ رەھبىرى خىتاينىڭ شىمالى كورىيىنى گەپكە كىرگۈزۈش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى ئاگاھلاندۇردى. چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ بىرلەشمە باش شتاب رەئىسى مايك مۇللېن، خىتاينىڭ تەرەپلەرنى سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانى ۋەزىيەتنى پەسەيتىشكە يەتمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، خىتاينى ھەرىكەت قوللىنىشقا چاقىرغان. مايك مۇللېن، خىتاي شىمالى كورىيىنىڭ ئىتتىپاقدىشى بولۇش سۈپىتىدە شىمالىي كورىيەگە" يېتەرلىك تەسىر كۆرسىتىش كۈچى بارلىقى ۋە شۇنداقلا مەسئۇلىيىتى بارلىقى"نى ئەسكەرتىپ، " بىز خىتاينىڭ بۇ مەسىلىدە ھەرىكەت قوللىنىشنى ئىستەيمىز، بۇ ئۇنىڭ رايوندىكى دۆلەت بىخەتەرلىك مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلە" دېگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن بۇرۇن تەرەپلەرنى سۆھبەتكە ئورۇنلاشتۇرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. لېكىن مايك مۇللېن "بېيجىڭنىڭ سۆھبەت چاقىرىقى ھەرىكەتكە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. مەن شىمالى كورىيە بىلەن يېڭى مۇزاكىرىگە ئولتۇرۇپ، ئۇنىڭ ئىغۋاگەرچىلىك ۋە بۇزغۇنچىلىق خاراكېئىرىغا ئىلھام بېرىش كېرەك، دەپ قارىمايمەن" دەپ كۆرسەتكەن. مايك مۇللېن بۇ سۆزلەرنى قىلىشتىن بۇرۇن جەنۇبىي كورىيە جاسۇسلۇق ئورگىنىنىڭ باشلىقى ۋون سېي خۇن كورىيە يونخاپ ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا بايانات ئېلان قىلىپ، شىمالىي كورىيىنىڭ يەنە جەنۇبىي كورىيىگە ھۇجۇم قىلىش ئېھتىمالى ناھايىتى يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا داۋاملىق تەرەپلەرنى ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشقا چاقىرىپ، "ۋەزىيەتنى ئىلگىرىلەپ جىددىيلەشتۈرۈۋېتىدىغان ھەرىكەتلەردىن ساقلىنىشقا چاقىرىپ كەلمەكتە. بۇ ئارىدا ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي كورىيىنىڭ ئۆتكەن يەكشەنبە كۈندىن باشلىغان سېرىق دېڭىزدىكى بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى چارشەنبە كۈنى ئاخىرلاشقان. جەنۇبىي كورىيە دائىرىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، نۆۋەتتە تەرەپلەر يەنە بىر قېتىم مانېۋىر ئېلىپ بېرىشنى سۆزلەشمەكتە ئىكەن.