شىنخۇئا ئاخباراتىدا كۆرسىتىشىچە، مەزكۇر مەبلەغ ئاساسەن قەشقەر، خوتەن ۋە ئاقسۇ ۋىلايەتلىرىدە يەرتەۋرەشكە چىداملىق تۇرالغۇ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىكەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمەت دارلىرىنىڭ "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" دىن كېيىن، جەنۇبى ئۇيغۇر ئېلىگە قارىتىلغان ئولتۇراق ئۆي قۇرۇلۇشى مەبلىغىنى ئاشكارىلىشى، يەنىلا ئۇلارنىڭ دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ كۆزىنى بوياش، ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەسىلىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى يوشۇرۇش قەستىنى ئاشكارىلايدىكەن.
ئۇ مۇنداق دېدى: " خىتاينىڭ بۇ ئالدامچىلىق سىياسىتى، ئۇيغۇر خەلقى يولۇقۇۋاتقان مىللىي كەمسىتىش، ياشاش مۇھىتىنىڭ تارىيىشى، نامراتلىق، ئىشسىزلىقتىن ئىبارەت رېئال مەسىلىنى ھەل قىلالمايدۇ."
خىتاي ھۆكۈمىتى يەرتەۋرەشكە چىداملىق تۇرالغۇ قۇرۇلۇشى سىياسىتىنى يىللاردىن بېرى يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان ئىدى. ئەمما، بىز يەرلىك ئورۇنلاردىن ئىگىلىگەن خەۋەرلەرگە قارىغاندا، يەرلىك ھۆكۈمەت دېھقانلارغا يەرتەۋرەشكە چىداملىق تۇرالغۇ قۇرۇلۇشىدا كۆز بويامچىلىق قىلمىشلىرى ئېغىر ئىكەن.
رادىئومىز ئالاقە قىلغان دېھقانلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى دېھقانلارغا ئۆي سېلىش ئالۋىڭى سالغان ۋە تۇرالغۇلارنىڭ پەقەت يولغا قارايدىغان قىسمىنىلا پىششىق خىش بىلەن يېڭىلاپ كۆز بويامچىلىق قىلغان.
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئۆي سېلىشقا ئىشلىتىدىغان، پىششىق خىش ۋە سېمونت سودىسىدا خىتاي شىركەتلىرى ھەسسىلەپ پايدا ئالغان.