ئىستانسىمىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، جۇڭگو ھوقۇقنى ھىمايە قىلىش تور بېتى چارشەنبە كۈنى رەسمىي تاقالغان بولۇپ، تور بېتىنىڭ تاقىلىشىغا سەۋەب بولغان ماقالىدە، خىتايدا ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان سىياسەتنىڭ ئۇزۇنغا بارمايدىغانلىقى تەكىتلىنىش بىلەن بىرگە ھۆكۈمەتنىڭ خوڭكوڭ، ماكاۋ ۋە تەيۋەندە ئىجرا قىلىنىۋاتقان تۈزۈملەرنى، ئالدى بىلەن خىتاينىڭ دېڭىز ياقىسىدىكى شەھەرلەردە سىناق قىلىشى شۇنىڭدەك بۇ ئارقىلىق خىتايدا تېز سۈرئەتتە دېموكراتىيە تۈزۈمىنى بەرپا قىلىشى تەشەببۇس قىلىنغان.
ماقالىدە يەنە، خىتاينىڭ 60 يىللىق داۋالغۇش سىياسىتى ۋە قانۇن سىستېمىسىدىكى خاھىشلار تەنقىد قىلىنغاندىن سىرت، خەلقنىڭ ئورتاق يوسۇندا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش كۈرىشىگە ئاتلىنىشى، قانۇن - ئەدىلىيە ساھەسىدىكى نۇقسانلارنى تۈزۈتۈپ ھەقىقى ئىسلاھاتنى يولغا قويۇشى تەكىتلەنگەن ھەمدە دۇنيانى " پادىشاھ " تۈزۈمىدىكى بىر پارتىيىنىڭ داۋاملىق ھوقۇق تۇتۇشىغا يول قويماسلىققا چاقىرغان.
خىتايدا دېموكراتىيە بەرپا قىلىش، ھەرقايسى دېموكراتىك ئەللەرنىڭ ئورتاق نىشانى بولۇپ، يېقىندا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلگەن كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ يىغىندا خىتاي، ئەنگلىيە، مېكسىكا ۋە گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى بىكار قىلىش، دىنىي ئەركىنلىك ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش، تۈرمە قانۇنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش ۋە تەن جازاسىنى بىكار قىلىش تەكلىپلىرىنى رەت قىلغان. بۇ ئارىدا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزۈتۈش تەشكىلاتى خىتايدىن قاتتىق ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.