ھۇجۇمدا خىتايلار ئىككى نەپەر ئۇيغۇر ياشنى قىڭراق بىلەن چاناپ يارىلاندۇرغان. ۋەقەنى ئاڭلاپ ياردەمگە كەلگەن ئەتراپتىكى ئۇيغۇرلار، يارىلانغان ئىككى نەپەر قېرىندىشىنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ قۇتقۇزۇۋالغان. خەۋەردە بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ قارىماي ساقچىلىرى ۋەقەنى ئادەتتىكى بىر ئىجتىمائىي ماجىرا قاتارىدا بىر تەرەپ قىلغان.
قەشقەردە يۈز بەرگەن پىچاق بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلىگەن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ، قارىمايدىكى ئوخشاش بىر ۋەقەنى ئىجتىمائىي ماجىرا دەپ قارشى قارىمايدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا نارازىلىق پەيدا قىلغان.
تولۇقسىز مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، قارىماي ۋە مايتاغدا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى بۇنىڭ ئالدىدىمۇ ئارقا-ئارقىدىن بىر قانچە قېتىم يۈز بەرگەن. ئەمما خىتاي دائىرىلىرى بۇ تۈر ۋەقەلەرنىڭ ئاخباراتقا ئاشكارىلىنىشىنى جىددىي شەكىلدە كونترول قىلماقتا.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت بۈگۈن بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، قارىمايدىكى ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي توقۇنۇشلارنى بىر تەرەپ قىلىشتا، قوش بىسلىق سىياسەت قوللىنىپ، خىتاي كۆچمەنلىرىنى جاسارەتلەندۈرۈشى دەپ كۆرسەتتى.
دىلشات رىشىت يەنە قارىماي ۋە مايتاغدىكى ئۇيغۇرلارنى بىخەتەرلىك مەسىلىسىدە خىتاي ساقچىلىرىدىن ئۈمىد كۈتمەسلىككە، بۇنىڭ ئورنىغا ئۆز-ئارا ئىتتىپاقلىق ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ھۇجۇمىدىن ھەر ۋاقىت ھوشيار تۇرۇشقا چاقىردى.