خىتاي بۈگۈن يەنە، 26 - ئىيۇن شياۋگۇەن ۋەقەسىدىكى جىنايەتچىلەرگە جازا ھۆكۈم قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇ، خىتاينىڭ ئەل-قائىدىچىلەرنىڭ يېتەكچىسى ئابۇ يەھيا ئەل لىبى ئىسلام تور بەتلىرىدە، ۋىدىئو ئارقىلىق مۇسۇلمانلارنى خىتايغا قارشى جاھات قىلىشقا چاقىرغانلىقىغا قارىتا قايتۇرغان ئىنكاسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ئەل-قائىدىچىلەرنىڭ يېتەكچىسى چاقىرىقىدا، ئەگەر شەرقى تۈركىستاندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئۈستىدىكى زۇلۇم ۋە ئادالەتسىزلىك ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ئۇلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى ئەسلىگە كەلتۈرۈلمىسە، ئۇلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن جاھاتقا ئاتلىنىشى مۇمكىنلىكىنى بايان قىلغان ئىدى. ئۇ سۆزىدە يەنە، ئۇيغۇرلار ھازىر مىللىي كەمسىتىشكە ئۇچراۋاتىدۇ، خىتاي كوممۇنىست تۈزۈمى ھازىر خۇددى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئافغانىستاندىكى تەقدىرىگە ئوخشاش ئەھۋالغا يۈزلەندى، دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 26 - ئىيۇن كۈنى يۈز بەرگەن شياۋگۇەن ۋەقەسىنى بىر تەرەپ قىلمىغانلىقىغا نارازى بولۇپ، 5 - ئىيۇل كۈنى ئۈرۈمچىدە نامايىش قىلغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ نامايىشىنى باستۇرغان ئىدى.
شۇ باستۇرۇشتا ئۆلتۈرۈلگەن ۋە تۈرمىگە تاشلانغان يۈزلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنى تېخىچە بىر تەرەپ قىلغىنى يوق، بەلكى خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر قوراللىق قىسىملىرى بىلەن ئۇيغۇرلارغا بېسىم ئىشلىتىپ تۇرماقتا.
