دوكلاتتا مۇنداق دېگەن": خىتاي ئافرىقا ۋە باشقا رايونلاردىكى دۆلەتلەرنى ھېچقانداق قوشۇمچە شەرت قويماي غايەت زور مىقداردىكى ئىقتىسادى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەپ، بۇ رايونلاردا ئۆزىنىڭ تەسىر دائىرىسىنى كۈچەيتمەكتە شۇنداقلا بۇ دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىياتىغا بۇزغۇنچىلىق قىلماقتا."
دوكلاتتا يەنە رۇسىيە، ئىران، ۋېنىسۇئېلا قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ تەنقىدلەنگەن. بۇ دۆلەتلەرنىڭ نېفىت بايلىقىغا تايىنىپ، خەلقئارا ئىتتىپاقداشلىرىنى كېڭەيتىپ، يۇقىرىقى دۆلەت ۋە رايونلاردىكى خىيانەتچىلىك مەسىلىسى ۋە دېموكراتىيىنىڭ تەرەققىياتىنى ئويلاشمايۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
دوكلاتتا يەنە مۇنداق دېگەن": خىتاي رەھبەرلىرى دائىم باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشمايدىغانلىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، غەرب ئەللىرىنى ئۆزىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن باشقىلارغا ياردەم بېرىدۇ، دەپ ئەيىبلىمەكتە." دوكلاتتا ئەسكەرتىشىچە، خىتاي باشقىلارغا ياردەم بېرىشتە دېموكراتىك ئەللەرگە ئوخشاش كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىقتىسادى كاپالەتنامە تەلەپ قىلماي تەرەققى قىلىۋاتقان دۆلەتلەردىكى خىيانەتچى ھۆكۈمەتلەرگە شەرتسىز ياردەم بەرگەن.
دوكلاتتا، بۇ تاكتىكىنىڭ ئۈنۈم بېرىۋاتقانلىقىنى، دۇنيا بانكىسىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، خىتاينىڭ ئافرىقىدىكى ئەڭ چوڭ قەرز ئىگىسى بولۇپ قالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.